باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۈچ خىل ئەھۋالدا كەمپۈت يېسە پايدىلىق

2018.01.04 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن دىئابېت بىمارلىرى «شېكەر» دېگەن گەپنى ئاڭلىسىلا چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ ھاجىتى يوق.بەزىدە قەنت ئىنتايىن پايدىلىق. ئالدى بىلەن بۇ يەردە ئېيتىلغان «شېكەر» دېگەن ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر. «شېكەر» مونوساخارىد (ئاددىي قەنت)، دىساخارىد (قوش قەنت) ۋە پولىساخارىد (كۆپ قەنت) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. مونوساخارىد بولسا مېۋە شېكىرى، گىلىكوزا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ پايدىلىنالايدىغان قەنتلەردۇر، بۇ خىل قەنتلەر قان شېكىرىنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىتەلەيدۇ؛ دىساخارىد بولسا مالتوزا، ساخاروزا، لاكتوزا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ پولىساخارىد بولسا گۈرۈچ تامىقى، مانتا، ئۈگرە قاتارلىقلار تەركىبىدىكى كراخمالنى كۆرسىتىدۇ. پولىساخارىد تۈرىدىكى كىراخماللار كىراخمال ئېنزىمىنىڭ تەسىرىدە ئاندىن گىلۇكوزىنى ئاساس قىلغان مونوساخارىدقا پارچىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەزىم بولۇپ قوبۇل قىلىنىشى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن قان قەنتىنى ئۆرلىتىش رولىمۇ ئاددىي قەنتلەردىن ئاستا بولىدۇ. تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئەھۋالدا دىئابېت بىمارلىرى بىرئاز مونوساخارىدلارنى يەپ قويۇشىنىڭ ناھايىتى چوڭ پايدىسى بار.

  بىرىنچى: قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كەتكەندە. قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش زىيانلىق، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش تېخىمۇ خەتەرلىك، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان دىئابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئۇزۇن مۇددەت ئىنسۇلىن بىلەن داۋالانغان ھەمدە قان شېكىرىنى بەك قاتتىق كونترول قىلغان دىئابېت بىمارلىرىدا ئاسانلا قان شېكىرى تۆۋەنلەش كېلىپ چىقىدۇ. ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى بولسا، دەرھال شېكەر سۈيى ئىچىش ياكى شىكەر پارچىلىرى يېيىشتۇر. شۇڭا، دىئابېت بىمارلىرىنىڭ ئۆز يېنىدا ئازراق كەمپۈت ئېلىپ يۈرۈشى ئىنتايىن زۆرۈر. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، α- گلۇكوزىد فېرمېنتى تورمۇزلىغۇچى تۈرىدىكى دورىلارنى ئىچىدىغان دىئابېت بىمارلىرى قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كەتكەندە چوقۇم شېكەر سۈيى ئىچىشى كېرەك.

  ئىككىنچى: تەنھەرىكەت قىلغاندا. دىئابېت بىمارلىرى ئەگەر قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغاندا، قان شېكىرى تۆۋەنلەش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن ياكى ھەرىكەت جەريانىدا مۇۋاپىق مىقداردا ئازراق كەمپۈت يەپ بەرسە ناھايىتى پايدىلىق، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يەنە مېۋە شىرنىسى قاتارلىق تەركىبىدە شېكەر بولغان ئىچىملىكنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ.

  ئۈچىنچى: قۇسقاندا ياكى ئىچى سۈرۈپ قالغاندا. ياشانغان ياكى كېسەللىك تارىخى ئۇزۇن بولغان دىئابېت بىمارلىرىدا كۆپىنچە دىئابېت كېسىلى ئاشقازان-ئۈچەي نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن قۇشۇلۇپ كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنداقلاردا ئاسانلا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش پەيدا بولۇپ، ئىچى سۈرۈش ياكى قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، دىئابېت بىمارلىرى مۇئەييەن مىقداردىكى شېكەر-تۇز سۈيى ئىچكەندە، ئىسسىقلىق تولۇقلاپ، قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سۇسىزلىنىش ۋە ئېلېكترولىت تەرتىپسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۈچەي يولىنى قوغدايدۇ. ئەلۋەتتە، ئىچى سۈرگەندە چوقۇم كېسەللىك سەۋەبىنى توغرا تېپىپ، كېسەلگە قاراپ ئىش كۆرۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك. (بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شوۋگاڭ دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى گوڭ شيوڭخۇي)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر