باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيقۇڭىز ياخشى بولمىسا سەل قارىماڭ

2017.04.28 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي شەھەرلىك 1– خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تارماق دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۇ شىنپۇ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:

  ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق. ئۇيقۇنىڭ مۇھىملىقى نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك سوقۇشتىن قالسىلا ئىككىنچى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئەگەر سىزدە ئۇيقۇغا كىرىش تەس، ئاسان ئويغىنىش، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر بار بولسا، ھەمدە يەنە تۆەندىكىدەك ئالامەتلەر بار بولسا، بۇ ساھەدىكى كەسپىي ياردەمگە موھتاج بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

  كەيپىيات ناچار بولۇش. كېچىدىكى ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسا، ئىككىنچى كۈنىدىكى خىزمەت كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە ئەسلىدىكى پاسسىپ كەيپىياتنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.

  سەمىرىپ كېتىش. ئۇيقۇ كەمچىل بولغاندا، بەدەندىكى ھورمۇن تەڭپۇڭسىزلىشىپ، ئىشتىھا ئېشىپ كېتىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ يۇقىرى ئىسسىقلىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھاياجانلىق ھەرىكەتلەرنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ، بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كېتىدۇ.

  ئاغرىش. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن %36تىن %58كىچە بولغان ئۇيقۇغا قانمايدىغان كىشىلەردە ئويغانغاندا باش ئاغرىش، چىش ئاغرىش، بەل تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىققا چىداش ئىقتىدارى ناچارلىشىدىكەن.

  كۆرۈش سېزىمى ياخشى بولماسلىق. ئۇخلاش ۋاقتى قانچە ئاز بولسا، كۆرۈش سېزىمىدا شۇنچە ئاسان مەسىلە كۆرۈلىدىكەن، ھەتتا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولىدىكەن. بۇلار قاتناش ھادىسىسىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  ئىنكاسى ئاستا بولۇش. ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغانلارنىڭ تاشقى مۇھىتتىكى شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسى ئاستىلاپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

  ئۇنۇتقاقلىق. ئۇيقۇ قانچە ئاز بولسا، شۇنچە ئاسان ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ، كەلگۈسىدە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.

  ئۆگىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش. قىسقا مۇددەتلىك ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچ، ئۇيقۇغا قانمىغانلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، ھەمدە ئۆگىنىش ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئىش قىلغاندا خاتالىق كۆپ بولۇش. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، روھسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە خىزمەتتىكى خاتالىق كۆرۈلۈش نىسبىتىمۇ ئاشىدۇ.

  يۈرەك بىئارام بولۇش. قان بىسىمى يۇقىرى, يۈرەك سوقۇشى تېز، كۆكرەك بىئارام بولۇش ۋە ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئالدى بىلەن، ئۇلارنى ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ-يوق، بۇلارغا قاراپ بېقىش كېرەك.

  ئاسانلا كېسەل بولۇش. ئۇزاق ۋاقىت ئۇيقۇغا قانمىغاندا، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسان زۇكام بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇيقۇ كەمچىللىك يەنە دائىم مەيدىدىن ئاچچىق سۇ يېنىش، ئاشقازان ئەتراپى ئاغرىش, قورساق ئاغرىش, قورساق كۆپۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  قان شېكىرى ناچار بولۇش. ئۇيقۇ كەملىك بـەدەندىكى ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ.

  كۆپ سىيىش. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق كېچىلىك تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر