باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>يازغۇچىلىرىمىز>>ھەبىبە ئىسمايىل

ئۈمىدلىك مىسرالار

ھەبىبە ئىسمائىل

2015.03.27 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئۈمىدلىك مىسرالار
قۇياش ئۇۋىلاپ قويغان ماكاندا،
ئانام بېشىدا قۇياش تۇرامدۇ؟
بەختكە چۆمكىلىپ نۇرنىڭ تەپتىدىن،
ئاكام ۋە ئۇكاملار راسا كۈلەمدۇ،
قاچسۇن يالغۇزلۇق كۈلكەمدىن چۆچۈپ.
بېرىڭلار ماڭىمۇ كۈلەي تېلىقىپ،
قوشنىلىرىم
يامان چۈشتىن كەتسۇن ئويغىنىپ.

قۇياش ئۇۋىلاپ قويغان ماكاندا،
بېھىشنىڭ مېۋىسى تۆكۈلۈپ ياتار،
يېگۈم بار ماڭىمۇ ئېلىپ قۇيۇڭلار،
ئارامدا قايتقاندا يېسۇن ھەبىيباي،
كەشتىلەپ قۇيۇڭلار رەڭدار گۈللەردىن،
ئۇيغۇرچە بىر كىيىم كىيسۇن قىزىڭلار،
قاچمىسۇن كۈلكىلەر چېھرىڭلاردىن ھېچ،
بارغاندا چىرايلىق سۈرەتلەر تارتىپ
بەختنىڭ ئىزىدىن ئەستىلىك ئالاي.

جان ئانا قىزىڭلار ھەر كەچتە يالغۇز،
ئىخلاستا تىزىدۇ مانا مۇشۇنداق
ئۈمىدتە ئەمما غەمكىن مىسرالار

09.12.24

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر