- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىكايەت
ھەبىبە ئىسمائىل
2015.03.27 15:50 مەنبە: خەلق تورى
شىكايەت
تۈز سىزىقتەك سوزۇلغان ئۈمۈد
كىمدىن كەلگەن ساڭا بىلگۈم بار
ئۈركۈپ قاچار مەندىكى ئۈمۈد
ھەتتا بەكرەك قاۋىسا ئىتلار
ئېيتىپ بەرگىن، بەكلا بىلگۈم بار
ئىككىنچى رەت غەلبە قىلغۇم بار
قاناتلىق دەپ ئويلايدۇ - ئانام
ئۇچۇپ كېلەر بۇ رەت قىزىم دەپ
مەن كۈتىمەن شامالنى دىلغۇل
تۇخۇم باسقان كۈرۈك توخۇدەك
مەن غەرپكە قايتاي دېگەنتىم،
شەرق تامام چىقماقتا شامال.
چۈشلىرىممۇ بۇزۇلار كۈندە،
تاپالمىغاچ ئەپچىل بىر ئامال.
2009-4-7كۈنى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر