باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(3)

‐‐ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.06.19 15:14   مەنبە: خەلق تورى

  2016-يىلىدىن بۇيان «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىمىز 2016-يىل 3-ئايدا ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە ئاساسەن ھەل قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، خەلق سوت مەھكىمىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، 20 مىليون 435 مىڭ ئىجرا دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 19 مىليون 361 مىڭ دېلونىڭ ئىجراسىنى ئاياغلاشتۇردى، ئىجراسى نەقلەشكەن سومما 4 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇ ئۆتكەن ئۈچ يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %98.5، %105.1 ۋە %71.2 ئاشتى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىجرا قىلىشنىڭ جۇڭگوچە تۈزۈمى، مېخانىزمى ۋە ئەندىزىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش»نىڭ باسقۇچلۇق نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردۇق.

  بىرىنچى، ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمەت ئەندىزىسى ئاساسەن شەكىللەندى. جايلار ۋە تارماقلار مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جازالاش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىشان مەسئۇلىيىتىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەيدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مىسلىسىز ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتتى.

  ئىككىنچى، ئىجرا ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. ئادەم سۈرۈشتۈرۈش-نەرسە ئىزدەش قىيىنچىلىقىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، توردا تەكشۈرۈپ تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق 16 ئىدارە ۋە 3900دىن ئارتۇق بانكىچىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئامانەت پۇل، ئاپتوموبىل، ئاكسىيە، كۆچمەس مۈلۈك، تور مەبلىغى قاتارلىق 16 تۈردىكى 25 خىل ئۇچۇرنى تورلاشتۇردۇق، بۇ ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق مال-مۈلۈك شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مال-مۈلۈكنى بايقاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پاش قىلغۇچىغا ئىنئام بېرىش قاتارلىق تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇردۇق. ئىجرادىن قېچىش قىلمىشلىرىنى كۈچەپ توسۇپ، بىرلىشىپ جازالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 60 نەچچە ئىدارە بىلەن بىرلىكتە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، 11 تۈردىكى 150 خىل جازا تەدبىرىنى قوللىنىپ، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنى «بىر ئىشتا لەۋزىدە تۇرمىسا، ھەممە ئىشتا چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان» قىلدۇق، جازا بېسىمىنىڭ تۈرتكىسىدە 3 مىليون 660 مىڭ ئادەم مەجبۇرىيىتىنى ئۆزلۈكىدىن ئادا قىلدى. ئىجرانى رەت قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بەردۇق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرى 13 مىڭ ئادەمگە ھۆكۈم-كېسىمنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ھۆكۈم ئېلان قىلدى، لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنى 506 مىڭ ئادەم قېتىم تۇتۇپ تۇردى، 34 مىڭ ئادەم قېتىم چېگرادىن چىقىشىغا چەك قويدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %416.3، %135.4 ۋە %54.6 ئاشتى. مال-مۈلۈكنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تور ئەدلىيەلىك كىمئارتۇق سودىسىنى ئومۇملاشتۇردۇق، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈشۈش نىسبىتى، باھا ئۆرلەش نىسبىتى ھەسسىلەپ ئاشتى، دەۋالاشقۇچىلارغا 20 مىليارد 500 مىليون يۈەن شېرىنكانە تېجەپ بېرىپ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ھالقىسىدىكى يەڭ سودىسى ۋە ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك تۈگەتتۇق. خۇنەن سوت مەھكىمىلىرى مەلۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى 10 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، تور كىمئارتۇق سودىسىدا يەككە پۈتۈشۈش باھاسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتتى.

  ئۈچىنچى، ئىجرا خىزمىتى تېخىمۇ قېلىپلىق ۋە تەرتىپلىك بولدى. پاسسىپ ئىجرا قىلىش، تاللاپ ئىجرا قىلىش، قالايمىقان ئىجرا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئىجرا ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجرا قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش، مال-مۈلۈكنى تەكشۈرۈش، ئىجرا كېپىللىكى قاتارلىقلار ھەققىدە 37 ئەدلىيەلىك ئىزاھات ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت چىقىرىپ، ئىجرا خىزمىتىنىڭ قائىدىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئىجرا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى «10نى قەتئىي مەنئى قىلىش» بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىنى بېكىتىپ، ئىجرا ئىستىلىنى ياخشىلىدۇق. بىرلىككە كەلگەن ئىجرا دېلوسى بېجىرىش سۇپىسى ۋە قوماندانلىق-باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتتۇق. دېلو پۇلىنى «ھەر دېلوغا ئايرىم ھېساب ئېچىپ» باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەرياندىن ئىز قالدۇرۇش، قېلىپلىق-ئاشكارا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق. ئىجرا قىلغۇدەك مال-مۈلۈك يوق دېلولارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەمنى قاتتىق بېكىتىپ، خىزمەت ھوقۇقى بويىچە قەرەللىك تەكشۈرۈپ، مال-مۈلۈكنى بايقىغان ھامان ئىجرانى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈردۇق. جۇڭگو ئىجرا ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجرا تەرتىپى ئۇچۇرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاپ، ئىجرا ھوقۇقىنى ئاشكارا يۈرگۈزدۇق.

  تۆتىنچى، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىسىم گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل بولدى. ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان دېلولارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، دېلو سانى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلدۇق. ئىجرا دېلوسى پۇلىنى مەركەزلىك ئېنىقلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 96 مىليارد يۈەن دېلو پۇلى تارقاتتۇق. پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نىسى قالدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە چېتىشلىق دېلولاردا ئىجرا قىلىش سالمىقىنى قانۇن بويىچە ئاشۇردۇق. ھەر يىلى يېڭى يىل ۋە چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق دېلولارنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق دېلو پۇلىدىن 17 مىليارد 900 مىليون يۈەن تارقىتىپ، خەلق ئاممىسىغا ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى ھېس قىلدۇردۇق.

  بەشىنچى، ئىجرا خىزمىتىنى چۈشىنىش، قوللاش كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ھەر خىل مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كۈچلۈك داغدۇغا شەكىللەندۈرۈپ، قانۇننىڭ نوپۇزىنى نامايان قىلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش»تا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۇچۇر تورى قۇرۇپ، ئىجرا خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئەكس ئەتتۈردۇق. «ئىجرا شەمشىرى» قاتارلىق كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى ئىشلەپ، ئىجرا قىلىش ھېكايىلىرىنى ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەردە ياخشى سۆزلىدۇق. تەشۋىق قىلىش-خەۋەر قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجرا پائالىيىتىنى ئومۇمىي تاراتقۇلاردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش»نىڭ جاپاسى ۋە نەتىجىسىنى جانلىق نامايان قىلدۇق. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىجرا خىزمىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پائال ياردەم بەردى، بەزىلىرى ئىجراغا نەق مەيداندا گۇۋاھ بولۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا خىزمىتىنى كۈچلۈك قوللىدى.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، كەڭ ئىجرا كادىر-ساقچىلىرى ئىجرا قىلىشنىڭ 1-سېپىدە كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلدى، ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻏﺎن ﮬﺎﻟﺪا ئىشلەپ، مېھنەتسىز تۆھپە قوشۇپ، قۇربان بېرىشتىن قورقمىدى، بۇنىڭ بىلەن تىللاردا داستان بولغۇدەك نۇرغۇن ئىلغار شەخسلەر ۋە ئىش-ئىزلار مەيدانغا كەلدى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خوۋ تيېنەن قاتارلىق 46 كادىر-ساقچى ئىجرا خىزمەت ئورنىدا قۇربان بولدى. بىز «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش»تىن ئىبارەت قاتتىق جەڭ ئارقىلىق قوشۇنىمىزنى چېنىقتۇرۇپ، ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدۇق.

  بىز چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى — پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغانلىقىدا، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمىمىزنىڭ كۈچنى توپلاپ چوڭ ئىش قىلىدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنىڭ بولغانلىقىدا، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىدا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ پەن-تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدە.

  بىزگە ئايانكى، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىجرا خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش» نىشانى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىدىدىن تېخى يىراق. «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش»تا كۆزلىمە نىشانغا يەتكەن بولساقمۇ، بىراق بەزى جەھەتلەردە، بەزى جايلاردا ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسى ھېلىھەم ساقلانماقتا، ھەتتا بىرقەدەر گەۋدىلىك بولماقتا. كېيىنكى قەدەمدە، بىز بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش» نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىشەنچىمىز كامىلكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش» نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  ۋەكىللەر، خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رولچى ۋە يولباشچى بولۇشى ئارقىسىدا تەرەققىي قىلدى ۋە ئىلگىرىلىدى. خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر — مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەت قىلغانلىقى، گوۋۇيۈەننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلغانلىقى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ نازارەت قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلغانلىقى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. مەن بۇ يەردە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  بىز سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە يەنە خېلى كۆپ مەسىلە ۋە قىيىنچىلىق ساقلانماقتا. بىرىنچى، بىر قىسىم سودىيەلەرنىڭ سىياسىي ساپاسى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئەدلىيە ئېھتىياجىدىن خېلىلا يىراق. ئىككىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئىناۋىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۈچىنچى، جايلارنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە «تېمپېراتۇرا پەرقى» مەۋجۇت، ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشكە، ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئۇنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىدا كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تۆۋەننى نازارەت قىلىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى يېتەرسىز. بەشىنچى، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىك، قوشۇن باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ئاجىز ھالقىلار بار، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى ھېلىھەم كۆرۈلۈۋاتىدۇ، نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئالتىنچى، بەزى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش بېسىمى بەك ئېغىر، بەزى سودىيەلەر يىل بويى نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، بەزى سوت مەھكىمىلىرىدە ئىختىساسلىقلار كېتىپ قېلىش ھادىسىسى بىرقەدەر ئېغىر، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى پارتىيە رەھبەرلىكىگە يېقىندىن تايانغان ھالدا، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، تىرىشىپ ھەل قىلىمىز.

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۆزبېكىستاندا بىر توننىدىن ئارتۇق ھەر خىل زەھەر مەركەزلىك كۆيدۈرۈلدى
    ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ھەققىدىكى يەتتە چوڭ ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش …
    ·«خەنزۇچە ئۆگىنىش مەن ئۈچۈن ئويلاپ باقمىغان تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى»-- 90- يىللاردا تۇغۇلغان …
    ·تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسا، تولۇق سوممىلىق ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ
    ·پۇل خەجلەپ «بالا چولپان» يېتىشتۈرىمەن دەپ ھەممىدىن قۇرۇق قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى: تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى
    ·تاجىكىستاننىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپلەرنى يېزاـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى …
    ·بالىلارغا خەتەردىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى ئۆگىتىش لازىم