باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(4)

‐‐ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.06.19 15:14   مەنبە: خەلق تورى

  2019-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى

  2019-يىلى ‐‐ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. خەلق سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى، شۇنداقلا مەركەزنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارارىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن تەبرىكلەيمىز.

  1. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىمىز. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىمىز. يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  2. سوت قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە كاپالەتلىك قىلىمىز. مەسئۇلىيىتىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى نىشانلىغان ھالدا تولۇق ئادا قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، كۈرەش روھىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، غەلىبە ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، سوت قىلىش فۇنكسىيەمىز ئاساسىدا زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھاكىمىيەت خەۋپسىزلىكى ۋە تۈزۈم خەۋپسىزلىكى يادرو قىلىنغان سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز. مۇشتۇمزورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتكە قانۇن بويىچە جازا بېرىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالايمىز. قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قاتارلىق ئاممىغا تاقىلىدىغان ئىقتىسادىي جىنايەتلەر، يوشۇرۇن سەررەپخانىغا چېتىشلىق جىنايەتلەر، باجغا چېتىشلىق جىنايەتلەر ۋە تورغا چېتىشلىق جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، پۇل مۇئامىلە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، مۇھىت-بايلىق قاتارلىقلارغا چېتىشلىق دېلولارنى قاراپ چىقىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈچ چوڭ جەڭگە مۇلازىمەت قىلىمىز. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوغداشنى كۈچەيتىپ، كونا-يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىمىز. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى قوغداپ، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىمىز. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە ۋە چياۋمىنلارغا چېتىشلىق دېلولارنى سوت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمى ۋە ھەمكارلىقىغا دائىر دېلولارنى ئاكتىپلىق بىلەن بېجىرىمىز. چەتكە چېتىشلىق سودا ئىشلىرى، دېڭىز ئىشلىرى دېلولىرىنى سوت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا سودا ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا-كىچىك-مىكرو كارخانىلار قاتارلىق تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، كۆزلىمىلىك قانۇنچىل سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.

  3. قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمىز. مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىستېمال، ئۆيلىنىش ۋە ئائىلە قاتارلىقلارغا تاقىلىدىغان دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مەمۇرىي سوت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە نازارەت قىلىپ، مەمۇرىي ئاداچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. دۆلەت تۆلىمى ۋە ئەدلىيەلىك پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز. ئارمىيەگە چېتىشلىق دېلولارنى سوت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە مەنپەئىتى، ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا مۇلازىمەت قىلىمىز. دەۋا بىلەن مۇرەسسەنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، غەيرىي دەۋا ماجىراسىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، دېلولارنى مۇرەككەپ-ئاددىيلىقى، ئېغىر-يېنىكلىكى، تېز-ئاستا بېجىرىلىشى بويىچە تۈرگە ئايرىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھۆكۈم-كېسىمنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق بىلەن ئەخلاقچىللىقنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يوللۇق قوغدىنىشقا ئالاقىدار ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشكە ئىلھام بېرىپ، توغرا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرىمىز. ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش قانۇنى تۈزۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ماسلىشىپ، ئىجرا خىزمىتىنىڭ بەش يىللىق تەرەققىيات پىروگراممىسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجرا خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دەۋادا ئۇتقان دەۋالاشقۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ ۋاقتىدا رېئاللىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز.

  4. يېڭى دەۋر ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 5-بەش يىللىق ئىسلاھات پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. قانۇننى بىرتۇتاش تەتبىقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى نارازەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. سوت قىلىش مەركەز قىلىنغان دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇش، ئۆزئارا ماسلىشىش، بىر-بىرىنى چەكلەش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، سوتتا قاراپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتى بىلەن زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاشكارا قانۇن يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىسلاھات داۋامىدىكى «تېمپېراتۇرا پەرقى» مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىنى سوت قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايمىز.

  5. قوشۇننى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، مەخسۇسلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق سوت مەھكىمىسى قوشۇنى بەرپا قىلىمىز. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، كەڭ كادىر-ساقچىلارنىڭ سىياسىي ئېڭى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز. تەلىم-تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، قوشۇننىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. سودىيەلەر كەسىپ ئەخلاقى قۇرۇلۇشى ۋە سوت مەھكىمىسى مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سودىيەلەرگە قانۇن يۈرگۈزۈش پەزىلىتىنى ساقلاش ھەققىدە تەربىيە بېرىمىز ۋە يېتەكچىلىك قىلىمىز. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنسىز سوت قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودىيەلەرنى مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش ۋە دېلونى ئادىل بېجىرىشكە، زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىققا، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇپ، سوت ئورگىنىنىڭ ماجىرانى تۈگىتىش، تالاش-تارتىشنى توختىتىش، جىنايەتنى جازالاش، خەلقنى قوغداش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي چىڭ ساقلايمىز. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز. پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سوت مەھكىمىلىرى قوشۇنىنى قاتتىق باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇپ قېلىشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، قانۇننى ئادىل، پاك يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ۋەكىللەر، يېڭى دەۋردىكى خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بۇرچىمىز شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۆزبېكىستاندا بىر توننىدىن ئارتۇق ھەر خىل زەھەر مەركەزلىك كۆيدۈرۈلدى
    ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ھەققىدىكى يەتتە چوڭ ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش …
    ·«خەنزۇچە ئۆگىنىش مەن ئۈچۈن ئويلاپ باقمىغان تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى»-- 90- يىللاردا تۇغۇلغان …
    ·تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسا، تولۇق سوممىلىق ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ
    ·پۇل خەجلەپ «بالا چولپان» يېتىشتۈرىمەن دەپ ھەممىدىن قۇرۇق قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى: تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى
    ·تاجىكىستاننىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپلەرنى يېزاـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى …
    ·بالىلارغا خەتەردىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى ئۆگىتىش لازىم