مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يولداش جاڭ فۇچىڭغا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

(2019 - يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى)

2019.06.30 21:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2019- يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ خۇبېي ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسى لەيفېڭ تارماق بانكىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان كادىر يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئۆمۈر بويى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمىگەن، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇ قىسىمدىكى ۋاقتىدا يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋەتەننى قوغدىدى؛ يەرلىككە ئالماشقاندىن كېيىن خەلققە بەخت ياراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي - ساددىلىقى، ساپلىقى، نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىقى بىلەن ئېسىل كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى، قىسىمدىكى كەڭ كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىدىغان يېڭى دەۋرنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىرادە باغلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يولداش جاڭ فۇچىڭغا «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

  جاڭ فۇچىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1924- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، شەنشىنىڭ ياڭشيەندىن، 1948- يىلى 3- ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتناشقان، 1948- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1955- يىلى 1- ئايدا كەسىپ ئالماشتۇرۇپ خۇبېي ئۆلكىسى ئېنشى تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لەيفېڭ ناھىيەسىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چېڭگۇەن ئاشلىق - ماي پونكىتى، ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسى، ناھىيەلىك توقۇمىچىلىق شىركىتى، سەنخۇ رايونى، ماۋتۇڭ گۇڭشېسى، ناھىيەلىك تاشقى سودا ئىدارىسى، ناھىيەلىك قۇرۇلۇش بانكىسىدا خىزمەت قىلغان، 1984- يىلى 12- ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان. يولداش جاڭ فۇچىڭ چوڭ غەربىي شىمالنى ئازاد قىلىشتىكى بىر قاتار جەڭلەردە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسى بويىچە بىر قېتىم ئالاھىدە دەرىجىلىك خىزمەت، جۈن بويىچە بىر قېتىم 1- دەرىجىلىك خىزمەت، شى بويىچە بىر قېتىم 1- دەرىجىلىك خىزمەت، شى بويىچە بىر قېتىم 2- دەرىجىلىك خىزمەت ۋە تۇەن بويىچە بىر قېتىم 1- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ھەم جۈن بويىچە «كۈرەش قەھرىمانى» نامىغا، شى بويىچە «كۈرەش قەھرىمانى» نامىغا ۋە «خەلق تۆھپىكارى» ئوردېنىغا ئېرىشكەن.

  يولداش جاڭ فۇچىڭ كوممۇنىزملىق يۈكسەك غايىنى باشتىن - ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىشىدىكى شانلىق نەمۇنىسى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. ئۇ پارتىيە ئىشلىرىغا بولغان چەكسىز سادىقلىقى بىلەن ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقمىدى، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇش مەزگىلىدە تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، چەت - ياقا، قالاق، نامرات تاغلىق رايوندا يىلتىز تارتىپ، بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ «پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش»تەك ئەسلىي مەقسىتى ۋە قەسىمىدە ئىزچىل چىڭ تۇردى ۋە ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى. ئۇ كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن نام - تۆھپىسىنى 60 نەچچە يىل چوڭقۇر يوشۇرۇپ، تەشكىلگە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن مەلۇم قىلغاندىن باشقا، يېنىدىكى كىشىلەرگە ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن ئاجايىپ تۆھپىلىرىنى ئەزەلدىن ئېيتمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى دەسمايە قىلىپ تەشكىلگە شەرت قويمىدى، تەمىنات تەلەپ قىلمىدى. ئۇ نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالاپ، دادىللىق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، شەرت قويماي، پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەربىر خىزمەتنى ياخشى ئىشلىدى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن جاپالىق مۇھىتتا ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى، جاپالىق ۋە ئەمەلىي ئىشلىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسى گەرچە ئىلگىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن - ئاخىر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جاپاغا چىداپ، ئاددىي - ساددا ياشاپ ھېچقانداق تەلەپ قويمىدى، خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا پايدا كۆزلىمەي، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى يولداش جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. يولداش جاڭ فۇچىڭغا ئوخشاش ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەيلى قايسى دەۋردە بولسۇن، قايسى ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلسۇن، يۈكسەك ئېتىقادنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، قەتئىي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «پارتىيە قەيەرنى كۆرسەتسە شۇ يەرگە ھۇجۇم قىلىش»، «پارتىيە مېنىڭ قەيەرگە بېرىشىمغا ئېھتىياجلىق بولسا، مەن شۇ يەرگە بارىمەن»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يولداش جاڭ فۇچىڭغا ئوخشاش نام - مەنپەئەت قوغلاشماي، ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالاپ، ئاددىي - ساددىلىقى، ساپلىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايدا جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا جاپالىق ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. يولداش جاڭ فۇچىڭغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپنى سۆيۈپ، ئەڭ ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن كۆتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا ۋە ئەڭ جىددىي پەيتتە جان پىدالىق كۆرسىتىپ، مەھكەم تۇرۇپ، ئىنقىلابىي غايە - ئېتىقادنى ھەرىكەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يولداش جاڭ فۇچىڭغا ئوخشاش ئۆزىنى بىر ئۆمۈر پاك تۇتۇپ، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ قەھرىماندىن ئۆگىنىشى، قەھرىماننى تەشۋىق قىلىشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى قەھرىمان شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئاڭنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ