مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

6- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

سالىقجان ئىمىن قاتارلىق 30 كىشى ئەخلاق نەمۇنىچىسى شەرىپىگە ئېرىشتى

2019.06.30 19:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: نازۇك نۇقتىلار ئەخلاق نۇرلىرىنى جۇلالاندۇردى، ئاددىي كىشىلەرنىڭ خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى مەدەنىيلىكنى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. 6- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئويۇن قويۇش - تارقىتىش زالىدا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئالتە ئورۇن بىرلىشىپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «تىيانشاندا ئەخلاق نۇرىنى چاقنىتىش» 6- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى، سالىقجان ئىمىن قاتارلىق 30 كىشى ئەخلاق نەمۇنىچىسى شەرىپىگە ئېرىشتى.

  مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» «باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش» «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش» «سەمىمىي بولۇش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش» «كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇش» «چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈش»تىن ئىبارەت ئالتە سەھىپىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر سەھىپىدە قىسقا فىلىم قويۇش، نەق مەيداندا سۆھبەتلىشىش، مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىش، ھۆرمەت بىلدۈرۈش، مەدھىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئەخلاق گۈزەللىكى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ مەنىۋى قىممىتى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىلدى.

  بۇ يىل 4- ئاينىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي خىزمەت بۇسى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت - دىن ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 6- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى بىرلىكتە باشلىدى. كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىش، قاتلاممۇقاتلام باھالاش ئارقىلىق، ئۇنىۋېرسال باھا بېرىش، ئەلالىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپى بويىچە، 200گە يېقىن نامزات ئىچىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» «باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش» قاتارلىق ئالتە تۈر بويىچە جەمئىي 30 نەپەر 6- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى باھالاپ چىقىلدى.

  ئاساسىي قاتلامدىن كېلىش، ئىشنى ئاددىي ئىشلاردىن باشلاش. ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان بۇ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەنە «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى بويىچە يىللىق شەخس»، مەملىكەتلىك 1- ماي ئەمگەك مېدالى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە شەخس، «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر»، ئىلغار چېگرا قوغدىغۇچى قاتارلىق شان - شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

  ھەر ھەپتىدە ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان سالىقجان ئىمىن، يۇلغۇندىن پايدىلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەپ يېشىللىق بەرپا قىلغان «قۇم تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى» ليۇ مىڭتىڭ، چىن قەلبى، ھەقىقىي ھېسسىياتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مېيىپ قېرىندىشىنىڭ بېيىشىغا ياردەم بەرگەن چېن ياۋپىڭ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆستەڭنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چارلاپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يەتتە كىشىنى قۇتقۇزغان ما جيەنچېڭ، نامرات، ئىگە - چاقىسىز 11 ياشانغان كىشىنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالغان باھارگۈل نىغمەت ... ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى نەق مەيداندىكى نۇرغۇن تاماشىبىننى تەسىرلەندۈرۈپ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالغۇزدى، ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن قىزغىن ئالقىش سادالىرى بىلەن ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا بولغان سەمىمىي ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتى 2008- يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن، ھازىرغا قەدەر جەمئىي 176 كىشى ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ