مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.06.27 15:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر 9- ئايدا، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئافرىقا ئىتتىپاقى «2063- يىل قارالمىسى»، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى بىردەك قارار قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرىدىغان، خەۋپسىزلىكنى ئورتاق يارىتىدىغان، ئىناق ئۆتۈپ ئورتاق ياشايدىغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىدىكى «سەككىز چوڭ ھەرىكەت»نى ئورتاق يولغا قويۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى. مەن خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۈمكى، جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم خۇشاللىنارلىق دەسلەپكى نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرىگە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قەد كۆتۈرۈش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولماقتا. جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى زورايتىش، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنىنى يېڭى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ئافرىقىدىكى 2 مىليارد 600 مىليون خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ