شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى

2019.06.28 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27- چېسلا ئوساكا شەھىرىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى چوڭقۇر ھالدا قايتا تۇرغۇزۇپ چىقىلدى، خەلقئارا ۋەزىيەت تېز ئۆزگەرمەكتە. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە بارغانسېرى نۇرغۇنلىغان ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولماقتا ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ياپونىيەمۇ رېيۋا دەۋرگە قەدەم قويدى. بىز يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئاكتىپ ئامىلغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ