مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مەن بىر ئانا، تېخىمۇ مۇھىمى بىر كومپارتىيە ئەزاسى»

− چاپچال گېزىتخانىسىدىن پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى ۋۇ شيۇفاڭ توغرىسىدا خاتىرە

2019.06.30 19:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ تيېجۈن

  «بالىغا دەرھال ئىسىم قويايلى! ئىسىم ئەڭ ياخشىسى ئىناقلىق ۋە بەخت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان بولسۇن!»

  6- ئاينىڭ 19- كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ۋۇ شيۇفاڭ موماينىڭ ئۆيى قىزىپ كەتكەنىدى، چوڭ نەۋرىسى ۋۇ شۇفېڭنىڭ بالىسى تۇغۇلغانىدى، 63 ياشلىق ۋۇ شيۇفاڭ ئەۋرە كۆرگەن بولۇپ، خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالمايلا قالغانىدى.

  20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋۇ شيۇفاڭ سەككىز پەرزەنتىنى بېقىپ قاتارغا قوشتى، نامرات ئائىلىلەردىكى 21 بالىنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، يۈرەك قېنى ۋە مېھرى بىلەن «ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى بېقىش، تەربىيەلەش بىلەن بىللە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقا بالىلارنى بېقىش، تەربىيەلەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك» دېگەن چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى، بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى. مۇخبىر ئۇنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئاددىي ئۈچ جۈملە سۆز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى سۆزلەپ بەردى.

  ■ «ئانىسى يوق بالىلارغا بەكلا ئىچىم ئاغرىيدۇ»

  ۋۇ شيۇفاڭ شىبە مىللىتىدىن، چاپچال بازىرىنىڭ چالۇگە شەرقىي كوچىسى مەھەللىسىدە ئولتۇرىدۇ. 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، ۋۇ شيۇفاڭ چاپچال گېزىتخانىسىدا خىزمەت قىلاتتى، ئىشچان، ئاددىي - ساددا ئېرى ۋە بىر جۈپ چېچەن، ئوماق پەرزەنتى بار بولۇپ، كۈنلىرى ئىناق، بەختلىك ئۆتەتتى. ھالبۇكى، بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە ئېرى ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ كارىۋاتتا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان پالەچ قېيىنئانىسى ۋە ئىككى كىچىك بالىسى بىلەن قالدى.

  قېيىنئانىسى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن ۋۇ شيۇفاڭ چىشىنى چىڭ چىشلەپ، ئائىلىسىنىڭ ئېغىر يۈكىنى يالغۇز ئۈستىگە ئالدى. 1997- يىلى، كالا سۈتى ئەكىلىپ بېرىدىغان خەنزۇ دېھقان سۈي گوشىن ۋۇ شيۇفاڭنىڭ تۇرمۇشىغا كىردى. سۈي گوشىننىڭ خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئالتە بالىنى باققان. بىر قېتىم، ئۇ ئاغرىپ قالغان ۋۇ شيۇفاڭغا كالا سۈتى ئەكىلىپ بەرگەندە، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى ئائىلە قۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

  ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسى، سۈي گوشىننىڭ ئالتە بالىسى بولۇپ سەككىز بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئويلاپ ۋۇ شيۇفاڭ سەل ئىككىلىنىپ قالدى. ئەمما، ئۇ سۈي گوشىننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇنىڭ يۈرىكى «جىغغىدە» قىلىپ قالدى، «بالىلار كىيىم يۇيۇۋاتاتتى، بىر دۆۋە كىيىم داسقا چىلاپ قويۇلغان بولۇپ، بالىلار كىيىمنى ئانچە - مۇنچە ئۇۋۇلاپلا ئېسىپ قويدى. ئانىسى يوق بۇ بالىلارغا بەك ئىچىم ئاغرىدى!» شۇ پەيتتە، ئۇ بۇ ئائىلىگە كىرىشكە بەل باغلىدى.

  تويدىن كېيىنكى كۈنلەر بىر مەھەل ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتتى، بالىلارغا ئوقۇش پۇلىنى كۆپرەك يىغىش ئۈچۈن، ۋۇ شيۇفاڭ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6- 5لەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كالىلارغا يەم بەردى، سۈت ساغدى، تاماق ئەتتى، ئاندىن كالا سۈتى ساتقىلى باردى، ئېرى بىلەن بىللە ئوت - چۆپ ئورۇدى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلى لى گاڭ ئانىسىنىڭ مۇشۇنداق جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر پارچە باغاقچە قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئېرى بىلەن تەرەپ - تەرەپنى ئىزدەپ، ئىككىنچى كۈنى ئاندىن غۇلجا شەھىرىدىن سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقماقچى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئوغلىنى تاپتى.

  ئەقلىگە كېلىپ قالغان ئوغلىنى كۆرۈپ، ۋۇ شيۇفاڭ كۆزىگە ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئوغلۇم، سەن ھازىر ياخشى ئوقۇساڭلا بولدى. داداڭ بىلەن ئىككىمىز قانچە جاپا تارتساقمۇ، قانچە ھېرىپ چارچىساقمۇ سىلەرگە ياخشى يېگۈزىمىز، ياخشى كىيگۈزىمىز، كېيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىمىز».

  ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. ئۇنىڭ بىلەن ئېرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئۇلارنىڭ بەش بالىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۆڭلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتتى.

  ■ ھېچنېمىمىز بولمىسىمۇ مەيلى، ساۋاتىمىز بولمىسا بولمايدۇ»

  بالىلار ئاستا - ئاستا چوڭ بولۇپ، ئارقا - ئارقىدىن خىزمەت ئورنىغا چىقىپ، ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ئازراق باياشات بولدى. بۇ ۋاقىتتا، ۋۇ شيۇفاڭ ئەتراپىدىكى بەزى بالىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن مەكتەپتە ئوقۇيالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن تىت - تىت بولدى، «ھەرقانچە نامرات بولسىمۇ، بالىلارنى چوقۇم مەكتەپتە ئوقۇتۇش كېرەك، ھېچنېمىمىز بولمىسىمۇ مەيلى، ساۋاتىمىز بولمىسا بولمايدۇ» دېدى ئۇ.

  چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى نەسىللىك قوي فېرمىسى بايىن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ما يۆيىڭ ئېرى بىلەن ناھىيە بازىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقىنىغا ئۇزاق مەزگىل بولغانىدى، ئائىلىسىدە ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئۆگىنىشى تەسىرگە ئۇچرىغانىدى. سۈي گوشىن كالا سۈتى ئاپىرىپ بەرگەندە بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ۋۇ شيۇفاڭغا ئېيتتى.

  ۋۇ شيۇفاڭ ھەر تەرەپكە قاتراپ، ما يۆيىڭنىڭ ئوغلى ما ۋېنجيېنى چاپچال نەسىللىك قوي فېرمىسى مەركىزىي مەكتىپىدىن يەنچېڭ تەجرىبە مەكتىپىگە يۆتكەپ كەلدى ھەم مېھرىبان كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەر يىلى ما ۋېنجيېغا 2000 يۈەن ياردەم قىلىدىغان، تاكى بالا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنگە قەدەر ياردەم قىلىدىغان بولدى.

  ما ۋېنجيې ئىنتايىن ياراملىق بولۇپ، سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇتقۇچى يېقىندا ۋۇ شيۇفاڭغا تېلېفون قىلىپ، ما ۋېنجيېنىڭ مەكتەپ بويىچە رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن بىردىنبىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا 13 ياشلىق ما ۋېنجيېنى كۆردى، ۋۇ شيۇفاڭ تىلغا ئېلىنغاندا، ما ۋېنجيې تارتىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مومام ماڭا ئىنتايىن ياخشى قارىدى، كەلگۈسىدە مومامغا جاۋاب قايتۇرىمەن.» ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئانىسى ما يۆيىڭنىڭ ياشلىرى سىرغىپ چۈشتى، ئۇ ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ۋۇ شيۇفاڭ موماي ھەقىقەتەن ياخشى كىشى».

  2004- يىلىدىن ھازىرغىچە، ۋۇ شيۇفاڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان 21 بالىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆتى يېتىم بالا. ھەر يىلى بالىلار بايرىمىدا، ئۇ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بۇ بالىلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا ئانىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋۇ شيۇفاڭ جەمئىي 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى. ۋۇ شيۇفاڭنى چۈشىنىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى ئاران 50 نەچچە مىڭ يۈەن، ئۇنىڭ ھەر يىلى ئىئانە قىلغان مېھىر - شەپقەت پۇلى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  ■ «مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى»

  ۋۇ شيۇفاڭنىڭ مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئىش ئىزلىرى نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى. ئۇلار ئۆزلۈكىدىن مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپى بولۇپ تەشكىللەندى، ھازىر كوللېكتىپنىڭ ئەزالىرى 60 كىشىدىن ئاشتى، ئەتراپىدىكى كىشىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىلا، ئۇلار ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.

  ۋۇ شيۇفاڭنىڭ ئىش ئىزلىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا تارقالدى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مۇنەۋۋەر ئانا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

  ۋۇ شيۇفاڭ تىلغا ئېلىنغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چاپچال بازىرى چالۇگە شەرقىي كوچىسى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جېڭ جۇڭ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىر قېتىم ياخشى ئىش قىلىش ئاسان، قىيىن بولغىنى ياخشى ئىش قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، بالىلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئالماشتى، بەزىلىرى ئوقۇۋاتىدۇ، بەزىلىرى خىزمەتكە چىقتى، ئۇ ئىزچىل قەتئىي داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ».

  «مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى!» بۇلارنى ئاڭلاپ، ۋۇ شيۇفاڭ پەخىرلەنگەن ھالدا گەپ قىستۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ مۈرەمدە ئىككى بايراق، يەنى، بىرى كومپارتىيە ئەزالىق بايرىقى، يەنە بىرى ئىلغار نەمۇنىلىك بايرىقى بار. مەن چوقۇم ھەر ۋاقىت ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىمەن».

  «مەن ھازىر ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، لېكىن ئۆگىنىشنى يەنە ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن.» ۋۇ شيۇفاڭ يانچۇقىدىن يان تېلېفونىنى چىقىرىپ مۇخبىرغا كۆرسەتكەچ مۇنداق دېدى: «قاراڭ، مەن ھازىر ھەر كۈنى ئۆگىنىش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش سۇپىسىدا ئۆگىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئەڭ يېڭى سىياسەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلەپ، قوشنىلارغا تەشۋىق قىلىۋاتىمەن».

  «ھەربىر بالىنى ساۋاتلىق قىلغاندىلا، دۆلىتىمىز ئاندىن تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ!» ۋۇ شيۇفاڭنىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ