مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

چېن چۈەنگو، تاڭ يىجۈن، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ پائالىيەتكە قاتناشتى

2019.06.30 19:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى تاڭ يىجۈن لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  6- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لياۋنىڭ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن لياۋنىڭ ئۆلكىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، لياۋنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «تۆت كەمتۈكلۈك»نى تولۇقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئالتە تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى ياخشى ئىشلەپ، «بىر بەلباغ، بەش بازا» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «بەش چوڭ رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا يېڭى، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدى، بىز چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىن مېھىر - مۇھەببىتىنى بېغىشلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار. شىنجاڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر بىلەن ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.

  تاڭ يىجۈن لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى قۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەققىيەتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان لياۋنىڭنى قوللىغانلىقى، ياردەم بەرگەنلىكى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارغا غەمخورلۇق قىلغانلىقى، كۆيۈنگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىمىز. لياۋنىڭ چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قول تۇتۇشۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، شىنجاڭغا دەل جايىدا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش، كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا، ئىزچىل پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، لياۋنىڭ - شىنجاڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

  سۆھبەت يىغىنىدا، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ ئايرىم - ئايرىم ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى چۆچەك شەھىرى، باقتۇ پورتى، تولى ناھىيەسى ھەم بىڭتۇەن 9- شىسىنىڭ 163- تۇەنى، بىڭتۇەن 8- شىسىنىڭ شىخەنزە شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى زىيارەت قىلىپ ھال سورىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلاپ ھال سورىدى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن جاڭ لېي، لۇ جىيۈەن، ۋاڭ مىڭيۈ ھەم داليەن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى تەن چېڭشۈ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جى جېڭ، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۇي يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ