جېجياڭ شيەنجۈ: ياڭمېي ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى

2019.06.30 21:22 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  6-ئاينىڭ 27-كۈنى، شيەنجۈ ناھىيەسىدىكى بىر ياڭمېي كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى باغۋەنلەر يېڭى ياڭمېيلارنى ئايرىماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى شيەنجۈ ناھىيەسى ياڭمېي ئۈزۈش ۋە سېتىش جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. مېۋە ئېتىنىڭ يېڭىلىق دەرىجىسىنى ساقلاش ئۈچۈن، باغۋەنلەر ئادەتتە سەھەردە تاغقا چىقىپ ياڭمېي ئۈزۈپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئايرىپ، قاچىلاپ توشۇپ بازارنى ۋاقتىدا تەمىنلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە، شيەنجۈ ناھىيەسىنىڭ ياڭمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى 138 مىڭ مو، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كۆلىمى 125 مىڭ مو، 2018-يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 90 مىڭ توننا، مەھسۇلات قىممىتى 667 مىليون يۈەن بولغان.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ