ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى: تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى

2019.06.13 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە سۈرەتكە تارتىلغان رۇداكى باغچىسى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى قىسقارتىلىپ تاجىكىستان دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، شەرقىي قىسمى جۇڭگو بىلەن چېگرالىنىدۇ، جەنۇبى ئاففانىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربىي تەرەپتە ئۆزبىكىستان بىلەن، شىمالدا قىرغىزىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، دۆلەت زېمىنى كۆلىمى 143 مىڭ 100 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تاجىكىستان تەۋەسىدە تاغلار كۆپ، تاغلىق يەر كۆلىمى دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ %93 ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، «ئېگىز تاغ دۆلىتى» دېگەن نامى بار، پايتەختى دۈشەنبە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ