غەربىي شىمال نېفىتلىكىدە ماي چۈشۈرۈش ئۈنۈمى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇلدى

2019.06.30 18:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  سۈرەتتە 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، ياقىلا ئۇچ پونكىتىدىكى ئىشچىلار كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ماي چۈشۈرۈش سۇپىسىدا تېز ماي چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلماقتا. (لى رۇيجى فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى غەربى شىمال نېفىتلىكى نېفىت-گاز توشۇش-سېتىش بۆلۈمى ياقىلا ئۇچ پونكىتى ماي چۈشۈرۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ ماي چۈشۈرۈش ھالقىسىنى ئازايىش، ماي چۈشۈرۈش سۇپىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، ماي چۈشۈرۈش پومپىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش، ئاپتوموبىلدىن ماي چۈشۈرۈپ جىڭلايدىغان ئېغىرلىق ئۆلچەش قۇرۇلمىسىنى يېقىنغا يۆتكەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۈتۈن كۈن ئۈزۈلدۈرمەي ماي چۈشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ ماي چۈشۈرۈش ۋاقتىنى 40 مىنۇت ئازايتىپ، ماي چۈشۈرۈش سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ