مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپلەرنى يېزاـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك

2019.06.13 15:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۇغۇلغان كۈننى كۈتۈۋالايلى» ۋە «1 + 1» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئېلان قىلىش يىغىنى 12- ئىيۇن غەربىي شىمال دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار «ھەرىكەت پىلانى»نى تەپسىلىي چۈشەندۈردى ھەمدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى پەن ـ تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لېي چاۋسى مۇنداق دېدى: بۇ «ھەرىكەت پىلانى» بولسا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىش ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، تۈرلۈك سىياسەت ۋە بايلىقلارنى توپلاپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەتتۇر. ئۇنىڭ مەزمۇنىنى مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىر سىستېما، ئىككى تىرەك، ئۈچ مۇلازىمەت، تۆت كاپالەت، بەش پىرىنسىپ، ئالتە ئىستراتېگىيە، يەتتە ھەرىكەت.

  ئىگىلىنىشىچە، 2019- يىلى 1- ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانى (2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەرىكەت پىلانى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە چوڭقۇر مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ «ھەرىكەت پىلانى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەر پائال ئاۋاز قوشۇپ، مەركەز ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ «ھەرىكەت پىلانى»نىڭ كونكرېت ئەمەلىيلىشىشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بايلىق تەقسىملەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى «قوش ئالدىنقى قاتاردىكى قۇرۇلۇش» نامىدىكى قۇرۇلۇشتا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىگە ئالاقىدار پەنلەر سېلىنمىسىدىكى سېلىنمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش؛ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش داۋامىدىكى زور ئېھتىياجغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتاردىكى قۇرۇلۇش»نى تېزلىتىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، بىر تۇتاش جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامرات رايونلارنىڭ يېڭى كەسىپ بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «ئالىي مەكتەپ كۈچى»نى نامايان قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ