ھەممە يەردە ئالدىراش مول ھوسۇل مەنزىرىسى ئەكس ئەتتى

2019.06.30 18:36 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئەن دۇڭمېي، ۋاڭ خۇي، ئەخمەتجان فوتوسى، خەۋىرى): «ئابلەيجان، يامغۇر توختىدى، بىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ بىر پارچە يەردىكى بۇغداينى ئورۇۋېتەيلى، ئېڭىز تېرىلغۇ مەزگىلى ئۆتۈپ كېتىپ قالمىسۇن.» 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتىگەندە، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىنىڭ مەكىت ناھىيەسى بازارجەمى بازىرى گۈلباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى قۇۋات ئابلەيجان قاتارلىق بەش ئەزانى ئېلىپ كەنت ئاھالىسى ئابلەت نۇرەكنىڭ بۇغدايلىقىغا كەلدى.

  ئابلەت نۇرەك ئائىلىسى ئالتە مو يەرگە بۇغداي تېرىغان، ئەمگەك كۈچى كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە كۈندىن بۇيان يامغۇر توختىماي ياغقانلىقتىن، باشقىلار يەر ئاغدۇرۇۋاتقان پەيتتە، ئۇلارنىڭ بۇغدىيىنىڭ يېرىمى تېخى ئورۇپ بولۇنمىغان ئىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ كېلىشى ئۇنىڭ تىت-تىت بولۇۋاتقان كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزدى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، يېرىم كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئابلەت نۇرەك ئائىلىسىنىڭ ئۈچ مو يەردىكى بۇغدىيى ئورۇلۇپ بولدى.

  مۇخبىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى –يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا بۇغداي ئورۇش ۋاقتى ئاساسلىق 6-، 7- ۋە 8-ئايلارغا مەركەزلەشكەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز قىسمەن رايونلاردا بۇغداي ئورۇش 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ يىل ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، بۇغداي ئورۇش ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ھەپتە كېچىككەن. ھەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇغداي ئورۇش جەنۇبىي شىنجاڭدىن باشلىنىپ ھەمدە جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەرتىپ بويىچە قانات يايدۇرۇلىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ بۇغداي ئورۇش ۋاقتى مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن كېيىن باشلىنىدىكەن.

  يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ بۇغدايلىقىدىمۇ ھەممە يەردە ئالدىراش مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى، ئالتۇن رەڭلىك بۇغدايلىقلار شامالغا ئەگىشىپ لەرزان تەۋرىنەتتى، چوڭ تىپتىكى كومبايىنلار ئورۇش مەشغۇلاتى بىلەن، تىراكتور، ئۈچ چاقلىق ماشىنا قاتارلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنىلار بۇغداي ۋە سامانلارنى توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، دېھقانلارنىڭ چىرايىدىن مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. يوپۇغا ناھىيەسى يازلىق يىغىمنىڭ پايدىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر پارچە يەردىكى بۇغداي پىشسا، بىر پارچىدىكىنى جىددىي ئورۇپ، پىشقان بۇغداي دانلىرىنى ئامبارغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  يوپۇغا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك-يېزا ئىدارىسى تېرىقچىلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەخمەت سادىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ بۇ يىللىق كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 170 مىڭ مو بولغان، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن ئىلگىرى ئورۇپ بولۇش مۆلچەرلەنگەن.

  نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىدە، يوپۇغا ناھىيەسى بىلەن مەكىت ناھىيەسىدىن باشقا، پەيزاۋات ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىمۇ بۇغداي ئورمىسى باشلاندى.

  2019-يىلى ئاپتونوم رايون بۇغداي يىغىپ ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان يىل بولۇپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنى چىڭ تۇتۇش ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ 2019-يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ھەرقايسى جايلاردىن ئاشلىق بازىرى سىگنال بېرىش، كۆزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، بازارنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلىشىنى تەلەپ قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ