ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى
‐‐ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ
ۋەكىللەر:
مەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.
2018-يىلى ئىشلىگەن ئاساسلىق خىزمەتلىرىمىز
2018-يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا خەلق ئاممىسىغا ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 34 مىڭ 794 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 31 مىڭ 883 دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %22.1 ۋە %23.5 ئاشتى، 22 ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتتى؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى 28 مىليون دېلونى قوبۇل قىلىپ، 25 مىليون 168 مىڭ دېلونىڭ سوتى ۋە ئىجراسىنى ئاياغلاشتۇردى، ئاياغلاشتۇرۇلغان دېلولارنىڭ نىشان سوممىسى 5 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %8.8، %10.6 ۋە %7.6 ئاشتى. بىز سوت قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئەدلىيە مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدۇق.
1. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق
شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش، كەڭ كۆلەمدە مۇھاكىمە قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 350 مىڭ كادىر-ساقچىسىنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلىدۇق. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. مۇھىم ئىشلاردا يوليورۇق سوراش-دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىدە كەم-كوتىسىز ئىزچىللىشىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.
2. قانۇن بويىچە جىنايەتنى جازالاپ، خەلقنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق
ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمىن جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 مىليون 198 مىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، 1 مىليون 429 مىڭ جىنايەتچىگە جازا ھۆكۈم قىلدى.
دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى، زوراۋانلىق-تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالىدۇق. دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇترىتىش جىنايىتى، دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇترىتىش جىنايىتى، جاسۇسلۇق جىنايىتىنى قاتتىق جازالىدۇق، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ئەسەبىيلىك جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى پىكىرنى چىقىرىپ، تېررورلۇقنى تەرغىپ قىلىش، ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى بولۇپمۇ ھاكىمىيەت خەۋپسىزلىكى ۋە تۈزۈم خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغدىدۇق.
قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ۋە پىكىر چىقىرىپ، قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق تۈرلۈك جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالىدۇق. قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، 29 مىڭ كىشىگە چېتىلىدىغان 5489 مۇشتۇمزورلۇق جىنايىتى دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، مۇجيا دېلوسى، زېڭ شيەنبو دېلوسى قاتارلىق جەمئىيەتتە بىرقەدەر زور تەسىر قوزغىغان قارا-رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقتۇق. قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بىلەن چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا زۇلۇم سالغان ۋە زەخمەت يەتكۈزگەن «كەنت زومىگەرلىرى»، «شەھەر زومىگەرلىرى»نى ۋە قارا-رەزىل كۈچلەرگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ بەرگەنلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىدۇق.
خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قاتارلىق چىرىكلىك جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالىدۇق. سۈن جېڭسەي دېلوسى قاتارلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك زور جىنايەت دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلدۇق. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 33 مىڭ ئادەمگە چېتىلىدىغان 28 مىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردى، جاۋابكارلار ئىچىدە سابىق ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 18 كادىر، نازىر-ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك 339 كادىر، ناھىيە-باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك 1185 كادىر بار. پارا بېرىش جىنايىتىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2466 جىنايەتچىگە جازا ھۆكۈم قىلدۇق. دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈپ چېگرا سىرتىغا قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، چېگرا سىرتىغا قاچقانلارنى تۇتۇپ كېلىش، زاڭ پۇل-مالنى قايتۇرغۇزۇش خىزمىتىگە ماسلاشتۇق. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىش تەرتىپىنى قانۇن بويىچە تەتبىقلاپ، قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 33-قاچقۇن خۇاڭ يەنلەن قاتارلىقلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىپ، چىرىك ئۇنسۇرلارنى قاتتىق چۆچۈتتۇق.
ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالىدۇق. قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاپ، قورال ۋە پارتلىتىشقا چېتىشلىق جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردۇق، بۇنىڭغا ئالاقىدار 41 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، 51 مىڭ جىنايەتچىگە جازا ھۆكۈم قىلدۇق. زور جاۋابكارلىق ھادىسىسى جىنايىتى، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى قاتارلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار 342 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پىكىر چىقىرىپ، بىخەتەر ھەيدەشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالاپ، ئاممىۋى قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق. زەھەر چەكلەش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، 100 مىڭ زەھەر جىنايىتى دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردۇق. زوراۋانلىق قىلىپ دوختۇرنى زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ، نورمال داۋالاش تەرتىپىنى ساقلىدۇق. پىكىر چىقىرىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بەردۇق. «قىلتاق قەرز» ئالدامچىلىقىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، «قەرزنى يالغاندىن كۆپەيتىش»، «پۈتۈمگە غەرەزلىك خىلاپلىق قىلدۇرۇش» قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالىدۇق. «مەكتەپ قەرز پۇلى» جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالىدۇق. يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىگە دائىر 7092 دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تائام بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ۋاكسىنىغا چېتىشلىق جىنايەتنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.
تور جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە جازالىدۇق. تېلېگراف-تور ئالدامچىلىقى، شەخسىي ئۇچۇرغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، توردىن پايدىلىنىپ سودا مەخپىيىتى ئوغرىلاش، توردا شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار 8907 دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردۇق، جاڭ كەيمىن قاتارلىق 85 كىشىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئالاھىدە زور تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقتۇق. كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، توردىن پايدىلىنىپ قىمارخانا ئېچىش قاتارلىق يېڭىچە جىنايەتلەرنى قاتتىق جازالاپ، ساغلام، پاكىز تور بوشلۇقى يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردۇق.
ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالىدۇق. ئاياللار ۋە بالىلارغا قارىتىلغان زورلۇق قىلىش، خارلاش، ئالداپ سېتىش، جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش جىنايەتلىرىنى قەتئىي جازالاپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار 27 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. «لەنسې چيەنجياڭ مەھەللىسىدىكى بالا باققۇچىنىڭ ئوت قويۇش دېلوسى» قاتارلىق قەبىھ دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆلتۈرگەن-زەخىملەندۈرگەن بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بەردۇق ھەم ئىجرا قىلدۇق. ئۆسمۈرلەر سوتى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، «يۇمىلاق ئۈستەل سوتى» شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئازغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇتقۇزۇپ قالدۇق. مەكتەپلەرگە بېرىپ قانۇن تەربىيەسى بېرىش پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، تىنچ مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.
كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتۇق. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باپباراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش ماسلاشتۇرۇلغان جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، تەرتىپ ئادىللىقى بىلەن ئەمەلىي ئادىللىقنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇردۇق. ئۆلۈم جازاسى دېلولىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندىكى جىنايىتى ناھايىتى ئېغىر جىنايەتچىلەرگىلا تەتبىقلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ناھەق، خاتا دېلولاردىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنسىز دەلىل-ئىسپاتنى چىقىرىۋېتىش قائىدىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە 1821 جىنايى ئىشلار دېلوسىنى، جۈملىدىن «جوۋ فامىلىلىك بەشەيلەننىڭ دېلوسى» قاتارلىق 10 زور ناھەق-خاتا دېلونى يېڭىباشتىن سوت قىلىپ ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتتى. 15 مىڭ دۆلەت تۆلىمى دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. تۇرمۇشى قىيىن دەۋالاشقۇچىلارغا 1 مىليارد 80 مىليون يۈەن ئەدلىيە ياردەم پۇلى تارقاتتۇق، 260 مىليون يۈەن دەۋا ھەققىنى كېمەيتتۇق ۋە كەچۈرۈم قىلدۇق. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپكارلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ ھەممىسىدە ئادۋوكاتلارنىڭ ئاقلىشىنى يولغا قويۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق. جىنايەت بىلەن جازانى قانۇندا بەلگىلەش، گۇمانىي جىنايەتنى يوققا چىقىرىش قاتارلىق پىرىنسىپلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەيىبلەنگەن دېلودىكى 517 جاۋابكار ۋە بىۋاسىتە دەۋا دېلوسىدىكى 302 جاۋابكارنى قانۇن بويىچە گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلدۇق.
3. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇلازىمەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق
ئۈچ چوڭ جەڭگە قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلدۇق. 2 مىليون 236 مىڭ ئەلئارا قەرز دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، تور قەرزى، پۇل مۇئامىلە ناچار ھەقدارلىقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە دائىر ماجىرالارنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، يوشۇرۇن سەرراپخانىغا چېتىشلىق جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلىدۇق. پۇل مۇئامىلە قەرز پۇلى، سۇغۇرتا، ئاكسىيە قاتارلىقلارغا دائىر 839 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. ئاكسىيە، زاكاز مال قاتارلىقلارغا دائىر پۇل مۇئامىلە ماجىرالىرىنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا-كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشقا دائىر 45 ماددىلىق پىكىر چىقاردۇق. يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ماجىرا دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇق. ئىچكى موڭغۇل، سىچۈەن، گۈيجوۋ، يۈننەن، نىڭشيا سوت مەھكىمىلىرى نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئەدلىيە ئېھتىياجىغا دەل جايىدا لايىقلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلدى. مۇھىتنى بۇلغاش جىنايىتىنى قاتتىق جازالاپ، 2204 ئالاقىدار دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردۇق. يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدىكى پىكىرنى چىقىرىپ، 251 مىڭ مۇھىت-بايلىق دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىنى تۆلىتىشنىڭ تەرتىپى ۋە قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تولۇقلاپ تىكتۈرۈش، قايتا كۆكەرتكۈزۈش، كۆپەيتكۈزۈش، سۇ باشلاتقۇزۇش قاتارلىق قانۇن يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرىنى تەتبىقلاش ھەققىدە ئىزدەندۇق. خۇبېي، چۇڭچىڭ، چىڭخەي سوت مەھكىمىلىرى مۇھىت-بايلىق دېلولىرىنى سوت قىلىش ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، چاڭجياڭ ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپسۈزۈك سۇ، ياپيېشىل تاغلارنى ئورتاق قوغدىدى.
تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلدۇق. 3 مىليون 418 مىڭ سودا دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. كارخانا ۋەيرانچىلىقىغا دائىر سوت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شىركەت ھېسابىنى ئېنىقلاش، كارخانا ۋەيرانچىلىقى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار 16 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، چىڭداۋ كېمىسازلىق زاۋۇتى دېلوسى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۈلۈك كۆلىمى زور، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كۆپ كارخانىلارنى ۋەيرانچىلىقتا قايتا تەرتىپكە سېلىش دېلولىرىنى ئوبدان قاراپ چىقتۇق، بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېنلاردا ۋەيرانچىلىق سوت كوللېگىيەسى تەسىس قىلدۇق. يېڭى سودا، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتىگە چېتىشلىق دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، كونا-يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىغا مۇلازىمەت قىلدۇق. 995 مىڭ سېتىش-سېتىۋېلىش توختامى دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، بازار سودا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇردۇق. 608 مىڭ ئۆي-زېمىن ماجىراسى دېلوسىنى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، ياخشى بازار تەرتىپىنى ساقلاپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ قېلىپلىق ۋە تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. «ئىجرا توختامى» قاتارلىق ئەدلىيە كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ خەلقئارا باھالاش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىل سودا مۇھىتى بەرپا قىلدۇق.
پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغدىدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلىپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئادىل رىقابەتلىشىشنى قوغدىدۇق، مەجبۇرلاش تەدبىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتبىقلاپ، دېلوغا چېتىشلىق پۇل-مالنى دائىرىدىن ھالقىپ پېچەتلەش، تۇتۇپ تۇرۇش، توڭلىتىشنى مەنئى قىلىپ، ئىقتىسادىي ماجىرانى ئىقتىسادىي جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشتىن، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىپ، كارخانىچىلارنىڭ زېھنىنى يىغىپ ئىگىلىك تىكلىشى، خاتىرجەم مەبلەغ سېلىشى ۋە خاتىرجەم تىجارەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردۇق. مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىشلىق جىنايى ئىشلار ئەرز دېلولىرىنى ئېنىقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىباشتىن سوت قىلىپ جاڭ ۋېنجۇڭنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلدۇق، مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىشلىق ناھەق، خاتا دېلولارنى قانۇن بويىچە پەرقلەندۈرۈپ تۈزەتتۇق، ئىككى تۈركۈمدە 13 تىپىك دېلو ئۆرنىكى ئېلان قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى، كارخانىچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدايدىغانلىقىدىن كۈچلۈك سىگنال بېرىپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنىڭ مۇقىملىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا چېتىشلىق دۆلەت تۆلىمى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقتۇق. كارخانا قەرزى، پاي ھوقۇقىنى گۆرۈگە قويۇش، ھەمكارلىشىپ قوغدىنىش قاتارلىقلارغا چېتىشلىق دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى قېلىپلاشتۇردۇق. مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە پىكىر چىقىرىپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى ئىقتىساد ساھەسىدىكى زىددىيەت-ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلدۇق.
رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلدۇق. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي سوت مەھكىمىلىرى قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدى. شيۇڭئەن يېڭى رايونلۇق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلدى. شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۈي سوت مەھكىمىلىرى ھەمكارلىشىپ قانۇنچىل چاڭجياڭ دېلتىسى بەرپا قىلىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلدى. لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ سوت مەھكىمىلىرى يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمال رايونىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە پائال قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى قىلدى. گۇاڭدۇڭ سوت مەھكىمىلىرى سودا ماجىراسىنى چېگرا ھالقىپ ھەل قىلىش مېخانىزمىنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلدى.
ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىغا قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلدۇق. 288 مىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.8 ئاشتى، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدۇق. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىدىكى نارازىلىق ئەرزنى دۆلەت قاتلىمىدا قاراپ چىقىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت كوللېگىيەسى تەسىس قىلىپ، ئاساسلىقى پاتېنت قاتارلىق تېخنىكىلىقى كۈچلۈكرەك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى نارازىلىق ئەرز دېلولىرىنى قاراپ چىقىپ، ھۆكۈم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىلىرى ۋە 19 بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت كوللېگىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئىشلىرىغا ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى ياراتتۇق.
ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشكە قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلدۇق. چەتكە چېتىشلىق 15 مىڭ ھەق تەلەپ، سودا دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. دىئور شىركىتىنىڭ سودا ماركىسى ئىلتىماسىنى قايتا قاراپ چىقىشقا قايتۇرۇش مەمۇرىي ماجىرا دېلوسى قاتارلىق دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغدىدۇق. شېنجېن، شىئەنلەردە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلقئارا سودا سوت كوللېگىيەسى تەسىس قىلىپ، خەلقئارا سودا مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى تەشكىللەپ، خەلقئارا سودا ماجىرالىرىنى «بىر جايدا» كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلدۇق. خەينەننىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ھەققىدە پىكىر چىقىرىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلدۇق. خۇبېي، چۇڭچىڭ، سىچۈەن سوت مەھكىمىلىرى ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىشتە يېڭى يۇقىرى پەللە يارىتىش قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلدى. دېڭىز ئىشلىرى، دېڭىز سودىسىغا دائىر 16 مىڭ دېلونى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، كۈچلۈك دېڭىز-ئوكيان دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلدۇق. جۇڭگو-پورتۇگال تىللىق دۆلەتلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنى ۋە دۇنيا ئىجرا خىزمىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ قانۇنچىللىق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ قانۇنچىللىق ساداسىنى ياخشى ياڭراتتۇق.