باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(2)

‐‐ 2019-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن

2019.06.19 15:14   مەنبە: خەلق تورى

  4. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدلىيە ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇردۇق

  خەلق تۇرمۇشىغا چېتىشلىق دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقتۇق. 9 مىليون 17 مىڭ ھەق تەلەپ دېلوسىنى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ئىستېمالغا ئالاقىدار 1 مىليون 111 مىڭ دېلو بار. خېنەن، خۇنەن سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىش ھەققىنى غەرەزلىك نېسى قالدۇرۇش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ 9 مىليارد 530 مىليون يۈەن ئەمگەك ھەققىنى ئېلىپ بەردۇق. ئۆيلىنىش-ئائىلە ئىشلىرىغا ئالاقىدار 1 مىليون 814 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىدىن 1589نى چىقاردۇق. ئائىلە ئىشلىرى سوتى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلەشمە يىغىن مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر ئائىلە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردۇق. ساغلاملىق مەھسۇلاتى، مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ياشانغانلارنى ئالداش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، ياشانغانلارغا زىيان سالغان جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق جازالىدۇق. جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە پىكىر چىقىرىپ، مېيىپلارنىڭ دەۋاغا قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ، دەۋاغا چېتىشلىق مېيىپلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى پاناھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مېيىپلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق.

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇردۇق. ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىش ۋە ئىجرا دېلوسىنى سوت قىلىش جەريانىدا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق. قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق، شەنشى، جياڭشى سوت مەھكىمىلىرى ئىنقىلابىي قۇربان يې تىڭ، فاڭ جىمىنلارنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ نام-شۆھرىتىنى بايرىقى روشەن ھالدا قوغداپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇردى. ساختا دەۋا قىلىشنى جازالاش ھەققىدە ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، سەمىمىيلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالىدۇق. پۇقرالارنىڭ يوللۇق قوغدىنىش ئارقىلىق جىنايى قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىشىنى قانۇن بويىچە قوللاپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى قوغداپ، توغرا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇردۇق. «ئاشكارا سوت كوللېگىيەسى» قاتارلىق سوت مەھكىمىسى مەدەنىيىتى ئەسەرلىرىنى يارىتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇردۇق.

  مەمۇرىي ماجىرالارنى ماھىيەتلىك ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. 251 مىڭ مەمۇرىي دېلونى 1-سوتتا قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرىي دەۋا قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ھەققىدە ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، مەمۇرىي سوت قىلىش ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىغا مۇلازىمەت قىلدۇق ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈردۇق. سەنشى، خېنەن، گەنسۇ سوت مەھكىمىلىرىدە مەمۇرىي دېلولارنى مەركەزلىك باشقۇرۇش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىي سوت مەھكىمىلىرىدە ھەربىي مەمۇرىي سوت قىلىش سىنىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش، ئەمگەك كاپالىتى قاتارلىقلارغا دائىر مەمۇرىي دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، مەمۇرىي ئاداچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق.

  پاراۋانلىق دەۋاسى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقتۇق. تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار سۇنغان پاراۋانلىق دەۋاسىغا ئالاقىدار 1919 دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، پاراۋانلىق دەۋاسى دېلولىرىنىڭ قاراپ چىقىلىشىنى تەپتىش قىلىش قائىدىسىنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. گۇاڭدۇڭ سوت مەھكىمىلىرى ئوپچە ۋېلىسىپىت ئىستېمالىغا دائىر تۇنجى پاراۋانلىق دەۋاسى دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، باشقۇرغۇچىنى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ رەنە پۇلىنى قايتۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەمبەھرە ئىقتىسادنىڭ قېلىپلىق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جياڭسۇ، شەندۇڭ سوت مەھكىمىلىرى ئوت ئۆچۈرۈشتە قۇربان بولغان قەھرىمانغا ھاقارەت كەلتۈرۈشكە دائىر پاراۋانلىق دەۋاسى دېلوسىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شان-شەرىپىنى قانۇن ئادىللىقى ئارقىلىق قوغدىدى.

  دۆلەت مۇداپىئە مەنپەئىتى ۋە ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق. ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشقا چېتىشلىق 18 مىڭ 883 دېلونىڭ سوتى ۋە ئىجراسىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى توختىتىشىغا قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە قەتئىي ئورۇنداپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇق. ئارمىيەگە چېتىشلىق ھوقۇق قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەربىيلەرنىڭ ئۆيىنى بۇزۇش قاتارلىق ئارمىيەگە چېتىشلىق تۈرلۈك دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، ئارمىيە-ھۆكۈمەت، ئارمىيە-خەلق ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىن ئائىلە تەۋەلىرى، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىدۇق. شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىشلىق 17 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىشلىق ئەدلىيە ھەمكارلىقى، ئەدلىيە ياردىمى دېلوسىدىن 9502نى بېجىردۇق. ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ، سودا دېلوسى ھۆكۈمنامىلىرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرما ئىمزالاپ، ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭنىڭ ھەق تەلەپ، سودا ساھەسىدە ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق ئومۇملاشتۇردۇق. فۇجيەن سوت مەھكىمىلىرى 59 ماددىلىق تەدبىرنى يولغا قويۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىدى. چياۋمىنلارغا چېتىشلىق 16 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق. جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە پىكىر چىقىرىپ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، خەينەن قاتارلىق 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە چياۋمىنلارغا چېتىشلىق ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىشنى سىناق قىلىپ، چياۋمىنلارغا چېتىشلىق ماجىرالارنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  قانۇن يۈرگۈزۈشتە خەلققە قولايلىق يارىتىش، نەپ بېرىش، پايدا يەتكۈزۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق ياراتتۇق. توردا دېلو ئېچىش، ئاپتوماتىك دېلو ئېچىش قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەتلىرىنى يولغا قويۇپ، «مۇرەسسە، كېسىم، ھۆكۈمنى ئايرىش» مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردۇق، فۇجيەن سوت مەھكىمىلىرى رايون ھالقىپ دېلو ئېچىش دەۋا مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېلو ئېچىشنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئاپتوموبىل سوت كوللېگىيەسى، كۆچمە سومكا پەن-تېخنىكا سوت كوللېگىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «سەييارە خەلق سوتى» ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەدلىيە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردۇق. دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى قانۇن بويىچە ئاقىلانە ئىپادىلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردۇق. خەلق زاسېداتىللىرى قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زاسېداتىللارنىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكى ۋە ۋەكىللىكلىكىنى كۈچەيتىپ، زاسېداتىللارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق. يېڭى دەۋردە «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋا بىلەن مۇرەسسەنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماجىرانى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. تور مۇرەسسە سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق. ئادۋوكاتلار مۇرەسسە قىلىش سىنىقىنى كېڭەيتىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردۇق. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى قانۇنلۇق، ئىختىيارىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، 3 مىليون 135 مىڭ دېلونى مۇرەسسە ئۇسۇلىدا ئاياغلاشتۇردى.

  5. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوت سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق

  قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر چىقىرىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىقىنى كۈچەيتتۇق. قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى چىقىرىپ، سوت نازارەتچىلىكىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە جازالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە سوت قىلىش ھوقۇقى يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، قاراپ چىققۇچى ھۆكۈم چىقىرىش، ھۆكۈم چىقارغۇچى مەسئۇل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. دائىمىي ئىسلاھات نازارەتچىلىكى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزلىك نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇردۇق، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىغا دائىر 55 ئۈلگىلىك دېلو ئۆرنىكى تارقىتىپ، جايلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق.

  سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سەييارە سوت كوللېگىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالتە سەييارە سوت كوللېگىيەسىدە 17 مىڭ دېلونى قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردۇق، تارىختا شەكىللەنگەن مەمۇرىي رايون ھالقىغان بىر تۈركۈم زور مەمۇرىي دېلو، ھەق تەلەپ، سودا دېلولىرىنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلدۇق، سوت قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، ماجىرانى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىش قاتارلىق ئىسلاھات نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. شاڭخەي پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، پۇل مۇئامىلە دېلولىرىنى سوت قىلىشنىڭ كەسپىيلىشىشى، خەلقئارالىشىشى ۋە ئاقىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلدۇق. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىچكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، فۇنكسىيە تەقسىماتىنى ئەلا، ماس، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان ئاساستا يەنىمۇ ياخشىلىدۇق.

  دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتتۇق. سوت قىلىش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتتا قاراپ چىقىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتتۇق. جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا جىنايىتىنى بوينىغا ئالغان ۋە جازاغا قايىل بولغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى پۇختا قەدەم بىلەن پائال يولغا قويۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. دېلولارنى مۇرەككەپ-ئاددىيلىقى بويىچە تۈرگە ئايرىشنى ئىلگىرى سۈردۇق، ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىلىرى 8 مىليون 299 مىڭ دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپى، ئاددىي تەرتىپ ۋە ئاز سوممىلىق دەۋا تەرتىپىنى تەتبىقلاپ قاراپ چىقىپ ئاياغلاشتۇردى.

  قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردۇق. قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا 31 ماددىلىق تەدبىر چىقىرىپ، سوت تەرتىپىنى ئاشكارىلاش، سوتتا قاراپ چىقىش پائالىيىتىنى ئاشكارىلاش، ھۆكۈم-كېسىم ھۆججىتىنى ئاشكارىلاش، ئىجرا ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئاشكارىلاش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق ۋە چوڭقۇرلاشتۇردۇق. بۇ يىل 2-ئايغىچە، جۇڭگو سوت تەرتىپى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تورىدا 370 مىليون دېلو ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىدۇق، جۇڭگو سوتتا قاراپ چىقىشنى ئاشكارىلاش تورىدا 2 مىليون 590 مىڭ دېلونى بىۋاسىتە كۆرسەتتۇق، جۇڭگو ھۆكۈم-كېسىم ھۆججەتلىرى تورىدا 63 مىليون 820 مىڭ ھۆججەتنى ئاشكارىلىدۇق، زىيارەت قىلغانلار 22 مىليارد 600 مىليونغا يەتتى، ئوچۇق، جانلىق، ئاشكارا، قولاي بولۇش ئاساسىدىكى قانۇننى ئاشكارا يۈرگۈزۈش مېخانىزمى دۆﻟﻪت ﺋﯩﭽﻰ-ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرنىڭ دﯨﻘﻘﻪت-ئېتىبارىنى ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪمدە قوزغىدى.

  ئاقىل سوت مەھكىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلدۇق. قانۇن يۈرگۈزۈش بۈيۈك مەلۇماتى باشقۇرۇش-مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ، تەدبىرنى ئىلمىي بەلگىلەشكە پايدىلانما ھازىرلىدۇق. «ئوخشاش دېلولارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يوللاش سىستېمىسى»، «قانۇن ئۇچۇرلىرىغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق جاۋاب بېرىش سىستېمىسى» قاتارلىقلارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئاقىل ئاۋازلىق بۇلۇت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، سودىيەلەرنىڭ دېلو بېجىرىشىنى ئاقىل ياردەمچى سىستېما بىلەن تەمىنلىدۇق. ئېلېكتىرونلۇق دەۋانىڭ قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېلو ماتېرىيالىنى توردا كۆرۈش، دەلىل-ئىسپاتنى توردا ئالماشتۇرۇش، توردا سوت ئېچىش ۋە ھۆججەتلەرنى ئېلېكتىرونلۇق يەتكۈزۈشنى قەدەممۇقەدەم ئىشقا ئاشۇردۇق. جېجياڭ سوت مەھكىمىلىرى كۆچمە ئۈندىدار سوت مەھكىمىسىنى سىناق قىلىپ، ئالاقىدارلار ۋە سودىيەلەرگە «بارماقتا دەۋا قىلىش، ئالىقاندا دېلو بېجىرىش»نىڭ قولايلىقىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى. ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلولارنى قاراپ چىقىشىغا ئائىت ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقىرىپ، بېيجىڭ، گۇاڭجوۋلاردا ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلدۇق، خاڭجوۋ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى «توراي پېپپا» فىلىمىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا چېتىشلىق دۆلەت ھالقىغان ماجىرا دېلوسى قاتارلىق دېلولارنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، ئالاقە تورىدا قانۇن يۈرگۈزۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە خەلقئارادا باشلامچىلىق بىلەن ئىزدەندى.

  6. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، سوت مەھكىمىسىنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇنى بەرپا قىلدۇق

  پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باشتىن-ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدۇق. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي ئەمەل قىلدۇق. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قوشۇن قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە سوت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىر-ساقچىلارغا سىياسىيغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىي ساداقىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىش، قانۇنچىللىق ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش ھەققىدە تەربىيە بەردۇق ۋە يېتەكچىلىك قىلدۇق. زۇ بىخۇا، فاڭ جىنگاڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چېن شاۋخۇا قاتارلىق بىر تۈركۈم مەسئۇلىيەتچان ئىلغار تىپلارنى بارلىققا كەلتۈردۇق. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىدىكى 279 كوللېكتىپ، 337 شەخس مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى.

  قانۇن يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىدىكى كادىر-ساقچىلارنى 745 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، قانۇننى تەتبىقلاش، ئاممىۋى خىزمەت، پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىش جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈردۇق. يۇقىرى ساپالىق قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتتۇق، جۇڭگو سودىيە تەربىيەلەش تورى، رەقەملىك كۇتۇپخانا قاتارلىق بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئوچۇق تور تەربىيەسىنى يولغا قويدۇق. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە قوش تىللىق سودىيە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇردۇق. شىزاڭ، شىنجاڭ، چىڭخەيگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، گۇاڭشى، يۈننەن، شىزاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەن سوت مەھكىمىلىرى قوش تىللىق سودىيە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئەدلىيە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.

  ئەدلىيە چىرىكلىكىنى قاتتىق جازالىدۇق. مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىستىلىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قاتتىق تۈزەپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىدىن قەتئىي ساقلاندۇق، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 369 كادىر-ساقچىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىچكى كۆزىتىشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنى سەييارە تەكشۈرۈش، سوت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇردۇق. «بەشنى قەتئىي مەنئى قىلىش» ۋە دېلوغا ئارىلىشىش-سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر «ئىككى بەلگىلىمە»نى قاتتىق ئىجرا قىلدۇق. تىغ ئۇچىنى ئۆزىمىزگە قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سېپىمىزدىكى زىيانداشلارنى قەتئىي يوقىتىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 9 كادىر-ساقچىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سوت-ئىجرا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 1064 كادىر-ساقچىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى 76 كىشىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتتى.

  7. نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق

  خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن پىكىر-تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش تەقسىماتى لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش-ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتتۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش» ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەردۇق ھەمدە مەخسۇس سۈرۈشتۈرمىسىنى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلدۇق، قاراپ چىقىش-سوئال قويۇش پىكرىگە ئاساسەن، ئىجرا خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتتۇق. ۋەكىللەرنىڭ 271 تەكلىپىنى بېجىرىپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكرىنى تولۇق قوبۇل قىلدۇق. ۋەكىللەرنى سوت مەھكىمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، يىغىنغا قاتنىشىش، سوتقا سىرتتىن قاتنىشىشقا پائال تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، خىزمەتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق. دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ 168 تەكلىپىنى بېجىردۇق، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتتۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ «ئىجرا تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىش» قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئالدۇق. رېۋىزىيە قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمەتچىلىرىنى نازارەت قىلىشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، قانۇننى ئادىل، پاك يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق. تەپتىش ئورگىنىنىڭ دەۋا نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ، تەپتىش ئورگانلىرى كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈمگە ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلولارنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، تەپتىش تەكلىپىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى ئورتاق قوغدىدۇق. ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىپ، يېڭى نۆۋەتلىك 189 تەكلىپلىك نازارەتچىنى تەيىنلىدۇق، تەكلىپلىك نازارەتچى، تەكلىپلىك مەسلىھەتچى، مۇتەخەسسىس-ئالىملارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەش، سوت ھەيئىتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردۇق. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئەل رايىنى بىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردۇق.

  

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۆزبېكىستاندا بىر توننىدىن ئارتۇق ھەر خىل زەھەر مەركەزلىك كۆيدۈرۈلدى
    ·ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ھەققىدىكى يەتتە چوڭ ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·يېڭى دەۋردە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش …
    ·«خەنزۇچە ئۆگىنىش مەن ئۈچۈن ئويلاپ باقمىغان تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى»-- 90- يىللاردا تۇغۇلغان …
    ·تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسا، تولۇق سوممىلىق ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ
    ·پۇل خەجلەپ «بالا چولپان» يېتىشتۈرىمەن دەپ ھەممىدىن قۇرۇق قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
    ·ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى: تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى
    ·تاجىكىستاننىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپلەرنى يېزاـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ساھەسىگە سېلىنىدىغان سېلىنمىنى …
    ·بالىلارغا خەتەردىن ساقلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى ئۆگىتىش لازىم