مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 6- ئاينىڭ 27- كۈنى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ پىلانلاش ھەم قۇرۇش، تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، قۇرۇپ، مۇھىتنى تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئايلاندۇرۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش»نى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يېشىل كەسىپ سىستېمىسىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.
شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوندىكى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي جۇڭغار دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، كەسىپلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىپى ئۆزگىرىپ دەرىجىسى ئۆستى، كۆتۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر بايلىقى توپلاشقان رايون، بايلىقنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتتە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئايلانما ئۆزگەرتىش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئالاھىدىلىك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشى كېرەك؛ دۆلەتنىڭ يىرىك پىلانىنى چۆرىدەپ، تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سەۋىيەدە پىلانلىشى ۋە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتى ۋە ئىستراتېگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە كۆمۈر بايلىقىنى تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش، ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە يېشىل تەرەققىياتنى ئەڭ چوڭ دەسمايە قىلىپ، ھاياتلىق يولى تېپىشتىكى چوڭ ئىش قىلىپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇھىتنى باھالاش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. بولۇپمۇ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مۇھىتنى تۈزەش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىش پەسلىدە كۆمۈر قالاپ پار بىلەن تەمىنلەشتىكى بۇلغىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى يېشىل شەرقىي جۇڭغار بەرپا قىلىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.