خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، K4915 قېتىملىق پويىزنىڭ خادىمى پويىزدا مەكتەپكە قايتىدىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋوگزالدىن چىقىشىغا ياردەملەشمەكتە.
شۇ كۈنى، شاڭخەي تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ شاڭخەي يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى توشۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان K4915 قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس پويىزى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان 1500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە يېتىپ كەلدى. پويىز ئىش بېجىرىش گۇرۇپپىسى سەپەر تامىقى، كۆڭۈل ئېچىش ۋە يول يۈرۈش بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئىنچىكە، ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى