خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆكتەبىر ئېيىدا يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى دەم نام ئالغان شىنجاڭ نىلقا ناھىيىسىدىكى تاڭبالى يايلىقى كۈز شامىلىدا يەلپۈنۈپ، ئۆزگىچە رەڭگارەڭ مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى. كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغ چوققىسى، تاغ قاپتىلىدىكى ياپيېشىل شەمشاد، تاغ ئاستىدىكى ئالتۇنرەڭ توغراق،ساغىرىشقا باشلىغان ئوت-چۆپلەر، قوي-كالا پادىلىرىنى ھەيدەپ يۈرگەن چارۋىچىلار، سۈرەتكە ئوخشاش گۈزەل مەنزىرە كىشىنى ئۆزگىچە مەھلىيا قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى