خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- سېنتەبىر كەچتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە دېخۇي خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى - كېچەك بازىرى ئۆتكۈزۈلگەن 4 - نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى يېپىلىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ كىيىم لايىھىلىگۈچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چىڭ يىڭفىن شايى ئەتلەسنى ئاساس قىلىپ لايىھىيىلىگەن مودا كىيىملەر كۆرگەزمە قىلىندى.
بۇ يۈرۈش كىيىم-كېچەكنىڭ تېمىسى« كوئىنلوندىكى ئەتلەس جىلۋىسى»بۇلۇپ، جەمئىي 40نەچچە يۈرۈش كىيىم بۇلۇپ، ھەممىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئادەتتە كىيىدىغان، شايى ئەتلەسنى لايىھىلەشنىڭ مۇھىم ئېلېمېنتى قىلغان ھەمدە ئىسلاھ قىلىندى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى