دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ئۈچۈن كەلگەن شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جىنيىڭ ۋە ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى. جاڭ دېجاڭ، لى يۈەنچاۋ، لى جەنشۇ، ياڭ جىچى قاتارلىقلار كۆرۈشىشكە قاتناشتى.
چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە شى جىنپىڭ سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈي شىئەن ۋە ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئاۋمىننىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئالاھىدە رايونۇق ھۆكۈمەت ۋە ئاۋمىن جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئاۋمىننىڭ تەقدىرى باشتىن-ئاخىر ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكىرى جايلىرى بىلەن زىچ بىرلەشكەن، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكىرى جايلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدا، ئاۋمىن داۋاملىق ئىچكىرى جايلىرى بىلەن ماس قەدەمدە تەك تەرەققىي قىلىدۇ.