باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقىدا كازافىينىڭ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بايلىقى بايقالغان(2)

2013.06.04 17:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى لىۋىيە جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى، بانكىسى ۋە ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئادۋوكاتنىڭ بىر پارچە خېتىدىن لىۋىيە تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا كازافىينىڭ مۈلۈكلىرىنى ئىزدەش ئىشلىرىنىڭ 2012-يىلى 11-ئايدا باشلانغانلىقى ئايان بولغان. بىر بانكىنىڭ ھۆججىتىدە ئايان بولۇشىچە، لىۋىيە تەكشۈرگۈچى خادىملىرى لىۋىيەدە بايقالغان كازافىينىڭ تاغىسى ئەخمەد.ئەل.كازافىينىڭ نامىدا تىزىملىتىلغان پۇل چېكى كۆتىكى ئارقىلىق، بۇ مۈلۈكلەرنى ئىزدەشكە باشلىغان. كازافىينىڭ تاغىسى ئىلگىرى بىر گېنېرال ئىدى.

  لىۋىيە تەكشۈرگۈچى خادىملىرى كازافىينىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۈلۈكلىرى ۋە بىر قىسىم غايىب بولغان مەبلەغلەرنىڭ كازافىينىڭ سابىق مەسلىھەتچىلەر باشلىقى بەشىر.سالىھنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدىكەن. سالىھ كازافىي ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ھۆكۈمەتنىڭ باش غوجىدارىلىق رولىنى ئوينىغان، كېيىن لىۋىيەنىڭ ئافرىقىدىكى مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان بولۇپ، كازافىي ھۆكۈمىتىنىڭ 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بايلىقىنى ئەمەلىي كونترول قىلىپ تۇرغان. سالىھ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىدە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا بۇ يىل 3-ئايدا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇرباندا ئۆتكۈزۈلگەن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان. گەرچە ھازىر ئۇنىڭ قەيەردىلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، لىۋىيەدىكى خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى جوھاننىسبورىگ شەھەر مەركىزىدىكى بىر مېھمانخانىغا بارغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ دائىم جەنۇبىي ئافرىقا، سىۋىزىلاد ۋە نېگىردىن ئىبارەت 3 دۆلەت ئارىسىدا قاتناپ يۈرىدىكەن.

  جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاساسلىق ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيە دېموكراتلار ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار دۆلەت مەجلىسى كومىتېتىنىڭ جىددىي يىغىن ئېچىپ، ساقچى تەرەپنىڭ سالىھ جەنۇبىي ئافرىقىغا دائىم كېلىپ تۇرسىمۇ نېمە ئۈچۈن ئۇنى قولغا ئالمايدىغانلىقىغا قارىتا چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلغان. دېموكراتلار ئىتتىپاقى: ئۇنى جەنۇبىي ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشى قوغداۋاتقان بولۇشى، زۇڭتۇڭ زۇمانىڭ يوليورۇقىنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا نېمە ئۈچۈن خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدىكى كىشى قوغداشقا ئېرىشەلەيدۇ، دەپ قارىغان. ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىغان.

  ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»نىڭ 2-ئىيوندىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، كازافىينىڭ جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندېلا دائىم كازافىينىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىق يۈرگۈزۈلگەن دەۋرلەردە ئۇنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ تۇرغانىكەن. ئەمما 2011-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى موبىكى كازافىينىڭ ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنى قوللىغانلىقى ئەپقاچتى گەپلەر، ئىرقىي ئايرىمچىلىق يۈرگۈزۈلگەن دەۋرلەردە لىۋىيە ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىگە بىر تىيىنمۇ بەرگىنى يوق، دېگەن. زۇما دەۋرىدە، 2011-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەنىڭ بەنغازى شەھىرىنى بومباردىمان قىلىش ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى قوللىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە غەرىبنىڭ لىۋىيە ھاكىمىيىتىنى ئالماشتۇرماقچى بولغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە