باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى كىتابتا ئوباما بىلەن كلىنتۇننىڭ «ئورۇن ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» تۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى

2013.06.04 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ئېدۋارد كېلىننىڭ « ئاق ساراينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوباما» ناملىق يېڭى كىتابى نەشر قىلىنغان. بۇ كىتابتازۇڭتۇڭ ئوباما كلىنتۇن جەمەتى بىلەن بىر مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، ھىلارىنىڭ 2016-يىلى ئاق سارايغا كىرىشىنى قوللاشقا ماقۇل بولغان، بۇنىڭ بەدىلىگە كېلىنتون ئۇنىڭ ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش سايلىمىنى قوللىغان، دېيىلگەن.

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئەڭ بازارلىق كىتابلار تىزىملىكىدە ئويدۇرۇپ چىقىرىلمىغان كىتابلار تۈرىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن بۇ كىتابتا، سايلام پائالىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئوبامانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇق ۋاكالەت مۇددىتى مەزگىلىدە، كلىنتوننىڭ ھىلارىغا ئوباما بىلەن رىقابەتلىشىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكى، ئەمما ھىلارىنىڭ بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە