- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش باش شىركىتى لىنديەن ئاشلىق ئامبىرىغا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە، توققۇز كىشى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى بىلەن ج خ ئورگىنىغا تاپشۇرۇلدى
2013.06.04 17:12 مەنبە: خەلق تورى
نۆۋەتتە جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش باش شىركىتىنىڭ لىنديەن ئاشلىق ئامبىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 6-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ج خ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش باش ئەترىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ ئوت ئاپىتىنىڭ ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ ماس بولۇشىدىن چىققان ئۇچقۇندىن كېلىپ چىققانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش باش شىركىتى لىنديەن ئاشلىق ئامبىرىنىڭ مۇدىرى گاۋ يەنپىڭ قاتارلىق توققۇز كىشى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ۋەقە تۇغدۇرۇش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن 3-چىسىلا شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا ئاپىرىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان 3 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە