3-ئىيۇن، «خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئۇچار كېمە بىلەن «ئۇزۇن سەپەر2F-10» ناملىق راكىتانىڭ بىرىكمە گەۋدىسى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ ئادەملىك ئاۋىياتسىيە قويۇپ بېرىش مەيدانى تېخنىكا رايونىدىن قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەپ كېلىندى. بۇ «خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئۇچار كېمىنى قويۇپ بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پىلان بويىچە، ئېلىمىز 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا «خاسىيەتلىك كېمە-10» ناملىق ئۇچار كېمىنى مۇۋاپىق پەيتتە قويۇپ بېرىدۇ، 3 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى «ئەرش ئوردىسى-1» نى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان؛ چىن شيەنئەن فوتوسى)