باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقىدا كازافىينىڭ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بايلىقى بايقالغان(1)

2013.06.04 17:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي ئافرىقىدا چىقىدىغان «يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقا كازافىينىڭ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بايلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە لىۋىيە تەكشۈرگۈچىلىرى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا بۇ بايلىقنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئوتتۇرى قويغان. گەرچە بۇ كازافىينىڭ چەتئەللەردىكى 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بايلىقىنىڭ ئاز بىر قىسمى بولسىمۇ، ئەمما بۇ لىۋىيە ھازىرغا قەدەر بايقىغان ئەڭ كۆپ بايلىق بولۇشى مۇمكىنكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، لىۋىيە تەكشۈرگۈچىلىرى جەنۇبى ئافرىقا مالىيە مىنىستىرلىقىنى ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ، كازافىينىڭ بۇ بايلىقلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى 4 يەرلىك بانكا ۋە ئىككى بىخەتەرلىك شىركىتىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. «يەكشەنبە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: لىۋىيەنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماجىخانىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە لىۋىيە تەكشۈرگۈچىلىرى بۇ ئىش ھەققىدە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ۋە مالىيە مىنىستىرى پىروۋىن.گېدخان بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لىۋىيە خەلقىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

  جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇمانىڭ باياناتچىسى مايكىل.ماخراج مۇنداق دېگەن: زۇڭتۇڭ زۇما لىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۇچراشتى، ئۇلار بۇنى دۆلەتنىڭ مۈلكى دېگەن. جەنۇبىي ئافرىقا مالىيە مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋىيەنىڭ ئىلتىماسىنى باھالاش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتىكەن. جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىك تەپتىش ئورگىنى بولسا بۇ ھەقتە بىر نېمە دېمىگەن.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لىۋىيەنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى كازافىينىڭ سابىق ئاخبارات مىنىستىرى ئابدۇللاھ.سانۇسىدىن كازافىينىڭ ئىلگىرى دۆلەت مەبلىغىنى جەنۇبىي ئافرىقىغا يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىگىلىگەن. سانۇسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان ھەمدە ماۋرىتانىيەدىن لىۋىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن، ھازىر ئۇ لىۋىيە تۈرمىسىدە قاماقلىقكەن.

  لىۋىيەنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن مالىيە مىنىستىرى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا يازغان ياردەم سوراش خېتىدە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كازافىي ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىغا يوشۇرۇپ قويغان بايلىقلارنى تېپىشقا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان. خەتتە يەنە، لىۋىيە تەكشۈرگۈچى خادىملىرى جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا دۆلەتلەردە نۇرغۇن مەبلەغ ۋە مۇلۈكلەرنى بايقىغانلىقى ئېيتىلغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە