- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
‹‹ئىككى يىغىن››دىكى كىشىلەر دىققەت قىلىۋاتقان 10 چوڭ قىزىق تېما (2)
2013.03.04 17:01
ئۈچىنچى قىزىق نۇقتا: جۇڭگو ئىقتىسادى ـــ يېڭى خىرىس ئالدىدا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۈستىدە ئىزدىنىش
ئۆتكەن بىر يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى ، يەر شارى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئارقا كۆرۈنۈشىدە ، جۇڭگو ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارى تۇنجى قېتىم 50 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى ، %7.8 لىك ئېشىش سۈرئىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، جۇڭگو يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى مۇھىم موتور بولۇش سۈپىتى بىلەن ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى .
خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا ، رۇسىيەدە چىقىدىغان «سەھەر گېزىتى»دە، جۇڭگونىڭ ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىشىدىن زور ئۈمىد كۈتۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى : ئىلگىرى يەر شارىنى جۇڭگو تاۋارلىرى دېڭىزىغا ئايلاندۇرغان دۇنيانىڭ بۇ زاۋۇتى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىستېمال دۆلىتىگە ئايلانماقچى ، بۇ دۇنيا ئۈچۈن پايدىلىق .
دۇنيا ئىقتىسادى ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ ، جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ توڭسەن مۇنداق دېدى : دۆلەت ئىچىدە پۇقرالار يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق ، تەكشىسىزلىك مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدا قانداق قىلىپ يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تاپىدىغانلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلمەكتە.
تۆتىنچى قىزىق نۇقتا : چىرىكىلىككە قارشى تۇرۇپ ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىردەك باشقۇرۇپ ، ھوقۇق قەپىزى قۇرۇش
ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ، ‹‹سائەت ئاكىسى ››، ‹‹ ئۆي ئاچىسى ›› دېگەندەك دېلولار ئارقا ئارقىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ ، تور دەۋرىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى ھەيۋىسى گەۋدىلەندى ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىردەك باشقۇرۇش تەدبىرى كىشىلەرگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دولقۇنىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئۈمىدلىنىدىغىنى ، تۈزۈم قاتلىمىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش . قانداق قىلىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ ؟ قانداق قىلىپ ھوقۇقنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە ‹‹ئىككى يىغىن ›› دىكى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ توغرا ئېنىق كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ.
بەشىنچى قىزىق نۇقتا : ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ـــ تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆپەيدى ، گۈزەل جۇڭگو ئېغىر سىناققا دۇچ كەلدى
1 مىليون 400 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى تۇمانلىق ھاۋارايى ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ زور كۆلەمدە بۇلغىنىشى ، زور دەرىجىدە بۇلغانغان ، يۇقىرى سەرپىياتلىق ئەنئەنىۋى تەرەققىيات ئۇسۇلى سىناققا دۇچ كەلدى . 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا تۇنجىي قېتىم گۈزەل جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى قىلىندى .ئەمما نوقۇل ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىلا قوغلىشىش ، ئېكولوگىيە ۋە مۇھىتنى بۇزۇش ۋەقەلىرى يەنىلا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ .
شىئەن شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ جىيوڭ ‹‹ئىككى يىغىن ›› دا مۇھىتنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلدى . ئامېرىكىدا چىقىدىغان « لوس ئانژىلىس ۋاقىت » گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: ئاۋامنىڭ ساداسى تېخىمۇ ساپ ھاۋا ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكىنى ئېلىپ كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ .
ئالتىنچى قىزىق نۇقتا: كىرىم تەقسىماتى مەسىلىسى
سەككىز يىل داۋام قىلغان كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھات لايىھەسى 2013-يىلى ئېلان قىلىندى . كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىش ئوتتۇرھال كىرىملىك ئەللەر دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىيۈزلۈك قىيىن تېما . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكىنى ئۆستۈرۈش ، قىسمەن مونوپول كەسىپ دۆلەت كارخانلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق خەۋەرلەردىن جۇڭگونىڭ بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋال كوچىسى گېزىتى» جۇڭگونىڭ باج ئىسلاھاتى پىلانىنى «كىرىم پەرقىنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى» دەپ ھېسابلىدى .
ۋېنجۇدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان دېھقان ئىشلەمچى يۈ شاۋ مۇنداق دېدى : دۆلەتنى بىيىتىشتىن خەلقنى بېيىتىشقىچە ناننى ئادىل تەقسىملەش ئىنتايىن مۇھىم . ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن كىرىمنىڭ تەڭ ئېشىشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش ، كەسىپلەردىكى كىرىم پەرقىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق تەڭشەپ ، ئەمگەك خاراكتېرىدىكى كىرىمنىڭ سالمىقىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار بۇ قېتىملىق ئىككى يىغىندىكى قىزىق تېمىلارغا ئايلىنىشى مۇمكىن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە