باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

‹‹ئىككى يىغىن››دىكى كىشىلەر دىققەت قىلىۋاتقان 10 چوڭ قىزىق تېما (3)

2013.03.04 17:01        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەتتىنچى قىزىق نۇقتا: جەمئىيەت باشقۇرۇش مەسىلىسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «تور ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش››نىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلدى. ھۆكۈمەت ئاممىنىڭ ئەرز، تەلەپلىرىنى ھەل قىلىش، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇش جەھەتلەردە پائال يېڭىلىق ياراتماقتا. شۇنداق بولسىمۇ، زېمىن، مۇھىت قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئاممىۋى ۋەقەلەر ئۈزۈلمىدى . جەمئىيەتنىڭ تىپىدا بۇرۇلۇش ياساش مەزگىلى زىددىيەتلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ ، نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى كەسكىن سىناققا دۇچ كەلمەكتە .

  زىددىيەتنى پەسەيتىشنىڭ يېڭى چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىككى يىغىندا ھامان تېشىلىدىغان تېما . مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى جەمئىيەتشۇناسلىق كافىدىراسىنىڭ پىروفېسسورى ۋۇ جۇڭمىڭ مۇنداق دېدى : نۆۋەتتىكى نۇرغۇن زىددىيەت خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ، بۇ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئادىل ، ھەققانىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم قاتلىمىغىچە ئىچكىرىلەپ كىرىش ، قايسى يەر ئاغرىسا شۇ يەرنىلا داۋالاشنىڭ غېمىدە يۈرۈشتىن ساقلىنىپ ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سىجىل ۋە مۇقىم راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

  سەككىزىنچى قىزىق نۇقتا: داۋالىنىش ، ئاممىۋى مۇلازىمەت مەسىلىسى

  ھازىر شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 300 مىليون ئادەمنى قاپلاپ ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۈتۈنۈش كاپالىتى تورى شەكىللەندى . كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى . يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ، جۇڭگونىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى . لېكىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى بەزىبىر تۈزۈلمە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر يەنىلا ئېغىر، ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدە مەسىلىلەر خېلى بار.

  كېسەل كۆرسىتىش ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ، ئوقۇش تەس بولۇش مەسىلىلىرى تېخى تەلتۆكۈس ھەل بولۇپ كەتكىنى يوق . ھازىر بۇنىڭغا يەنە كۈتۈنۈش ، يەسلىگە كىرىش ، سەپەرگە چىقىش تەس بولۇش مەسىلىلىرى قوشۇلدى . لەنجوۋ شەھەر ئاھالىسى لى شاۋچاڭ ‹‹ئىككى يىغىن ›› دىن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يېڭى سىگىنالى چىقىرىپ ، ئون جان ئائىلىسىگە پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ چىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلدى .

  توققۇزىنچى قىزىق نۇقتا: شەھەر-بازارلىشىش مەسىلىسى

  18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يېڭى تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش » تا خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇشقا نىسبەتەن بەس-مۇنازىرىسى ئەڭ كۆپ بولدى . سىنگاپوردا چىقىدىغان «ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى» 2011-يىلى جۇڭگونىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى %51.27 كە يەتكەن بولسىمۇ ، شەھەر-بازارلاردا ياشايدىغان 200 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچىنىڭ كۆچۈش ۋە كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تاماملىنىپ بولغانلىقى ، كىملىكى ۋە ئورنىدا ئۆزگىرىش بولۇپ بولالمىغانلارنىڭ ئوخشاش ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى .

  يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش كەلگۈسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم كۈچ ، كىشلەر ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە تېخىمۇ داغدام يولنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە . تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۇ پېيكې مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ قىزىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ساختا شەھەر-بازارلىشىش ، قارىغۇلارچە يول ئېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە شەھەر-بازارلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك .

  ئونىنچى قىزىق نۇقتا : خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسىلىسى

  ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ ياسىلىشى ، «تىرانسىپورت 20» ناملىق تىرانسىپورت ئايروپىلانىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئېلىمىز دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى . ‹‹ ئىككى يىغىن ›› دا ئەتراپتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ھەققىدە قانداق يېڭى يۆنىلىش ئىپادىلىنىدۇ ؟ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قايتا تەكىتلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا ، ئورۇنلۇق ھوقۇقنى ، يادرولۇق مەنپەئەتنى قوغداش پرىنسىپىنىڭ ئاخىرقى چېكىنى ئېنىق ئايرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە دىققەت قىلماقتا .

  بىر گۈللەنگەن جۇڭگو ھەر قانداق بىر دۆلەتكە تەھدىت سالمايدۇ ، بەلكى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا ئەقىللار ئامبىرى كەيتو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى كاپېنت مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ بىر مەسئۇلىيەتچان دۆلەت ، شۇنداقلا ئىجابىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە ئاساسى بار .
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە