باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىت-ئېنىرگىيە

مۇھىت ئاسراشتا ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار

2017.03.04 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشچە، كورېيەدە گۈرۈچىتن ئىشلەنگەن چىش كولىغۇچ ئىشلىتىلىدىكەن، يەنە بىر ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشچە، ياپونيە بىر قېتىم ئىشلەتكلى بۇلىدىغان چوكىنى ئۆز زېمىنىدىكى ياغاچتىن ئەمەس، بەلكى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان ياغاچ ماتېرىياللىرىدىن ياساپ ئىشلىتىدىكەن، ئىشلىتىپ بولۇنغان چوكىدىن يەنە قەغەز بوتقىسى ئىشلەپچىقىرىپ، جوڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تەبئىي بايلىقلارنى تىجەپ ئىشلەتكەندە، مۇھتنى تېخىمۇ ياخشى ئاسرىغىلى بۇلىدىكەن . بىر تال چىش كولىغۇچنى بەش گىرام دەپ مۆلچەرلسەك، ئېلىمىزدىكى 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ بىر قېتىم چىش كوچىلىشى ئۈچۈن 6500 توننا ياغاچ سەرپ بۇلىدىكەن، يەنە شۇنچىلىك نىسبەتتكى ئەخلەت مۇھتنى بۇلغايدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 1 مىليارد 300 مىليون ئادەم ئۈچۈن بىر قېتىم ئىشلەتكلى بۇلىدىغان چوكا ياساش ئۈچۈن 10 مىڭ مو كۆلەمدىكى ئورماننى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدىكەن، ھالبۇكى، بۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى ئورماننىڭ كىلماتنى تەڭشەش، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوكسىگىن ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە قانچىلىك ئىقتسادىي قىممەت يارىتىدىغانلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم، دېمەك، مۇھىتنى ياخشى قوغداش، ئېلىمىز ئىقتسادىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تەبئىي بايلىقلارنى تىجەپ ئىشلىتىش ئىنتايىن زۆرۈر .

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرخىل كوللېكتىپ پائالىيەتلەردە بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىشتەك ناچار تۇرمۇش شەكلى، ناچار ئىستىللار بارلىققا كېلىپ، ئاددى ئۆتكۈزۈشكە بۇلىدىغان مەرىكە- مۇراسىم، يىغىلىشلىرىمىزنى چوڭ رېستۇرانلارغا ئورونلاشتۇرۇپ، يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىسراپ قىلىش، دېھقانلار تۇرمۇشىنى ۋە قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتماسلىق، خىزمەت بىنالىرىنى يېڭلاپ سېلىش، ئىدارە- ئورگانلار زۆرۈر بولمىسمۇ ئېسل ماشىنىلارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىش، ئومۇمنىڭ پۇلىغا يەپ ئېچىش... يەنە بىر قىسىم كىشلەرىمىزدە ئېنېرگىيەنى تېجەش، ياشاش مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە سەل قاراش، تەبىئەتتىن ئاغرىنىش، چەت ئەللەرگە قارىغۇلاچە چۇقۇنۇش، پەقەت باي بولۇشنىلا ئويلاپ، ئېنېرگىيە، تەبئىي بايلىقلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلماسلىق، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىسراپخورلۇق قىلىش، بۇزۇپ-چېچىش، ھەشەمەتچىلىككە بېرىلىش، يۇقىرى ئىستېمالنى قوغلىشىشتەك ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرماقتا. شۇڭا مۇھىت مەسلىلىرىنى ۋاقتىدا تۈزەش ۋە ئۇنى تەرتىپكە سېلىش سالىمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پاكىز، گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كۈنكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك:

  بىرىنچىدىن، پۈتۈن جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇھىت ئاسراش، بايلىق مەنبەسىنى تېجەش ۋە قوغداش ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىغا «ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋە مۇھىت ئاسراشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى بار» دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش، تەبىئي مۇھىتنى ئاسراش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش مەسىلىسىنى ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسى ئۆزىدىن باشلاش، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە دائىر تەشۋىقات، تەربىيە پائالىيەتلىرنى يەنىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش، ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسى يېشل تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىقلارنى تېجەپ ئىشلىتىش، مۇھىتنى ئاسراش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش، مۇھىت قوغداش پىدائىيلىرىدىن بۇلۇش لازىم.

  ئىككىنىچىدىن، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى مۇھىتنى باشقۇرۇش–قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش–قوغداشقا مەبلەغ ۋە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، يېتەرلىك كۈچ تەشكىللەپ، مۇھىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە تېجەشكە قارىتا تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەپ، مۇھىت باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش، سانائەت باغچا رايونلىرىنى كېڭەيتىش، نۇقتىلىق كەسىپ، نوقتىلىق ساھە، رايونلارنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، نازارەت قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما قۇيۇپ بېرىش مىقدارىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە ئازايتىش، مۇھىت بۇلغاش ئېھتىماللىقى بولغان كارخانىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتا مۇھىت مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇھىت ئاسراشنى ھازىردىن، ئەتراپىمىزدىكى ۋە تۇرمۇشتىكى ئۆزىمىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلاش كېرەك. مەسىلەن: ⑴ ھەددىدىن زىيادە مودا قوغلاشماسلىق، ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىق، ئاشلىقنى تېجەپ ئىشلىتىش، قارىغۇلارچە ئىنتىلىدىغان يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىيەسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەش؛ ⑵ سۇلياۋ خالتىنىڭ ئورنىغا لاتا ياكى قەغەز خالتا ئىشلىتىش، كىچىك ماشىنىدا مېڭىشنى ئازايتىپ، پىيادە مېڭىش ياكى ۋېلىسپىت مىنىش، كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش؛ ⑶ تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىغان بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، بىرلا قېتىم ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان بۇيۇملارنى ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىمكانقەدەر ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىش؛ ⑷ ھويلىلارغا گۈل-گىياھ، دەل– دەرخلەر تىكىش، ئۆيلەردە گۈل بېقىشقا ئەھمىيەت بېرىش، گۈرۈچ يۇيغان سۇلارنى كۆكتات يۇيۇشقا ئىشلىتىش، كۆكتات يۇيغان سۇلاردا گۈللەرنى سۇغىرىش، سۇ، توك ، قەرغەزلەرنى تېجەپ ئىشلىتىش، چىش چوتكلىغاندا، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى چىقارغاندا ياكى سۈپۇن سۈرگەندە، جۈمەكنى ئېتىۋېتىش، چىلەككە سۇ ئېلىپ ماشىنا يۇيۇش، سۇ تۇرۇبىسى بىلەن بىۋاسىتە يۇيماسلىق، كىيىم-كېچەك ۋە كۆكتات يۇيغان سۇنى يىغىپ قۇيۇپ، ھاجەتخانىغا ئىشلىتىش كېرەك؛ ⑸ ئەخلەتلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ تۆكۈش ئارقىلىق، رايونىمىزنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىش، بوۋاقلارغا قەغەز زاكا ئىشلەتمەي، لاتا ئىشلىتىش ئادىتىنى ساقلاش، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىلاجى بار مۇۋاپىق ئىشلىتىش، خىمىيەلىك دورىلار ۋە ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىلىرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىش، تۇرمۇشتا سۇ تېجەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنى، مەسىلەن: سۇ تېجەيدىغان جۈمەك قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش؛ ⑹ تەبئىي ئېنېرگىيەلەردىن (يەنى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى... قاتارلىقلاردىن) ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، دەريا–كۆللەرگە ئەخلەتلەرنى تۆكمەسلىك، بىر تامچە سۇ، بىر كىلوۋات توك، بىر تۈپ دەرەخ، بىر تال گىياھ ، ھەتتا بىر ۋاراق ئاق قەغەزنى تېجەپ ئىشلىتىش، مۇھىت ئاسراشنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، ھەرقايىسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىت ئاسراش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ھەر قايسى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى «يېشىل» مەكتەپ، «يېشىل ماكان» بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ تەشكىللەش، پۇرسەت ۋە شارائىت يارتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەبئەتكە يېقىنلاشتۇرۇش، تەبىئەتنى، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى تۇنۇش، ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى مۇھىتتىن بەھرىمان بۇلۇش ھۇقۇقى ۋە مۇھىتنى ئاسراش مەجبۇرىيىتىدىن خەۋەردار قىلىش ھەمدە مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ئۇلارغا تەبىئەتنى، مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز ماكانىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى قوغدىغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىكمانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى سىڭدۈرۈش لازىم

  ئۇمۇمەن ئېيتقاندا، ئىنسانلار ياشاۋاتقان تەبىئىي شارائىت «ئىنسانىيەت ـــ تەبىئىي بايلىق ــ مۇھىت»دىن تەشكىل قىلغان بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر. ئىناق جەمئىيەت ھەرگىزمۇ بايلىق ۋە مۇھىتنى ۋەيران قىلىش، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ئاساسىغا ئورنىتىلمايدۇ. مۇھىتنى ئاسراشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش __ ياخشى مۇھىت ۋە ياشاش تەرتىپىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى. مۇھىت تەربىيەسى بولمىسا، ياخشى مۇھىتمۇ بولمايدۇ، ياخشى مۇھىتنىڭ بولغانلىقى ياخشى مۇھىت تەربىيەسىنىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، كىشلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى يامانلىشىدۇ. ئەگەر ئېنېرگىيە، بايلىق زىيادە نابۇت قىلىنسا، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ياشاش شارائىتى، كىشىلەرنىڭ ئىناقلىقى، كىشىلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ. بۇلار بىزنىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلشتا ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، بىز مۇھىت ئاسراش ۋە قوغداشنى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر بىر كىشىنى بايلىق تېجەش ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش، مۇھىت سۆيەر، تېجەشلىك جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىنسانلار مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىق مەسلىسگە قارىتا ئېنېرگىيەنى تېجەپ، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداشقا بولغان تۇنۇشنى ئۆستۈرۈش، بايلىقلارنىڭ قايتا يېتىلىش قانۇنىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىلغار، زامانىۋى يېڭى پەن-تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش، ئەڭ مۇھىمى ئەقەللىي ساۋات بولغان ئانا تەبىئەتنى سۆيۈش، مۇھىتنى قوغداش، ئېنېرگىيەنى تېجەپ گۈزەل يۇرت-ماكاننى سۆيۈش ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش كېرەك. (ئاپتور: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2-ئوتتورا مەكتەپتىن مەنسۇرجان تۇرسۇن)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر