مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زۇمرەتتەك سۇ، يېشىل تاغلار — سۇ ھەم تەبىئىي بايلىق، ھەم ئىقتىسادىي بايلىق

2020.04.27 17:50 مەنبە: خەلق تورى

  ئادەملەر يېشىل تاغلارنى ئاسرىمىغاندا، يېشىل تاغلارمۇ چوقۇم ئادەملەرنى ئاسرىمايدۇ. 20-ئاپرېلدىن 23-ئاپرېلغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇمرەتتەك سۇ، يېشىل تاغلار ھەم تەبىئىي بايلىق، ھەم ئىقتىسادىي بايلىقتۇر، زۇمرەتتەك سۇ، يېشىل تاغلار دەل ئالتۇن تاغ، كۈمۈش تاغ دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  چىنلىڭ تاغ تىزمىسى ئېلىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم چىنلىڭنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شىئەن تەۋەسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داچا سېلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، چىنلىڭنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇق بەردى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىنلىڭدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داچا سېلىش مەسىلىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئۆتكەنكى خاتالىقنى ئەسلەپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، پارتىيەگە، تارىخقا، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، تۆھپە تالاشماسلىق روھى بىلەن چىنلىڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، چىنلىڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك قوغدىغۇچىسى بولۇش لازىم، خاتا يولغا قايتا مېڭىشقا، تارىختا يامان نام-ئاتاق قالدۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

  باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: ئاڭلىق ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا قارىتا كۆڭۈلدە سان تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، نېمىنى تەكىتلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، نېمىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنپەئىتى ئىكەنلىكى، نېمىنىڭ قەتئىي قوغداشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق مەيدان ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ھەرىكەتتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، شوئاردىلا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك 1000 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىچىدىكى بىرى قىلىندى؛ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي پىلانىدا، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاشتا چىڭ تۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاساسىي پىلان؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېشىل تەرەققىيات بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئىدىيە؛ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش شۇلارنىڭ بىرى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى، پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشقا بولغان ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى نامايان قىلدى. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيەسى مەدەنىي، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشى كېرەك. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ