مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېھتىياتچانلىقنى كۈچەيتىپ مۇھىم، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

2020.03.06 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېھتىياتچانلىقنى چوقۇم كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ئامىللىرىغا قارىتا تۆۋەن چەك تەپەككۇرىغا ئىگە بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئاخىرغىچە تۇتۇپ، تاكى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمىگىچە ھەر ۋاقىت بوشاشماسلىقى، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىدىن ئىبارەت بۇ قېتىمقى مۇھىم، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت يۇقۇم ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ۋاقتىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى: پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر نىيەتتە جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ تەلتۆكۈس ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك. دەل مۇشۇنداق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىرىنچى چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇشتەك يۈكسەك ئېتىبارى، يۇقۇمنىڭ زىيىنىنى تولۇق مۆلچەرلىگەنىكىدەك كۈلپەت ئېڭى، «ئون قېتىم ئالدىنى ئېلىپ، توققۇز قېتىم قۇرۇق قېلىشقا بولىدۇكى، ئالدىنى ئېلىشتا ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ»دەك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەرىكىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە تېزدىن نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە سىجىل ياخشىلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھالىتى شەكىللەندى.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. خۇبېي ۋە ۋۇخەندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ھەم ئېغىر، باشقا رايونلاردا خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىشىشىنىڭ كۆپىيىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقۇم خەۋپ-خەتىرى زورايماقتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتە چوقۇم باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك، يۇقۇمغا بولغان ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ، داۋاملىق چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەل جايىدا، تەرتىپلىك، پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم، بايلىقلارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشى، ئىچكى-تاشقى سودىنىڭ ئۈنۈملۈك راۋانلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېھتىياتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلاپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە پۇختا تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ