باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋردە ئاياللارنىڭ كۈچىنى ئۇرغۇتايلى

-«8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىغا ئاتاپ

2018.03.08 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاغ-دەريالار باھار مەنزىرىسىگە پۈركۈنۈپ، باھار شامىلى گۈل-گىياھلارنىڭ خۇش ھىدلىرىنى ئېلىپ كەلدى. ھاۋا ئىللىپ، دەل-دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلىغان گۈزەل باھاردا بىز 108-قېتىملىق «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى كۈتۈۋالدۇق. ئايال قېرىنداشلارغا بەخت تىلەيمىز، يېنىمىزدىكى ھەر بىر ئايالغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

  ئاياللارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. 100 نەچچە يىللىق ئاياللار ھەرىكىتى تارىخىنى ئەسلىسەك، «بولكا بىلەن ئەتىرگۈل» ھوقۇق ئويغىنىشىدىن «ئەر-ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىش»تىن ئىبارەت كۈرەش چۇقانىغىچە؛ «ئاياللار ئەرلەرنىڭ نۇرىغا تايىنىپ ئۆزىنى يورىتىدىغان ئاي ئەمەس» دېگەن ئەقلىي تەپەككۇردىن «ئاياللار يېرىم دۇنيا» دېگەن جەسۇرانە جاكارغىچە نۇرغۇن ئاياللار چۈشەكتىن ئازاد بولۇپ، ئىلگىرى ئۆزلىرىدىن يىراق دەپ ئويلىغان ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھازىر بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرساق، ئاياللار كۈچىنىڭ تۆھپىسى، ئاياللار سېھرىي كۈچىنىڭ كارامىتى، ئاياللار پاراسىتىنىڭ قالتىسلىقى «ئاياللار جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ» دېگەن يەكۈننى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى. ئاياللار ئازاد بولمىسا ۋە ئالغا ئىلگىرىلىمىسە، ئىنسانلارنىڭ ئازادلىقى ۋە تەرەققىياتى بولمايدۇ.ئېلىمىز جۇڭگودا ئاياللار كۈچىنىڭ «جۇڭگو لاتاپىتى» بىلەن تېز، مۇقىم «جۇڭگو سۈرئىتى»نىڭ سېلىشتۇرمىسىمۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئالىي سەھنىدە ئايال ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان گۈزەل خىسلىتى، سوتسىيالىستىك دۆلەت يەتكەن زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ كەڭ ئىجتىمائىي سەھنىدە ئۇلارنىڭ جاپالىق تەر تۆكۈش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياراتقان تۆھپىلىرى، ئېرىشكەن كارامەت نەتىجىلىرى قالتىس جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلەيدۇ. ئائىلىدىكى «ۋاپادار خوتۇن»، خىزمەتتىكى «پىشقان ئايال»، ئىلگىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگودىكى ئاياللار ھوقۇق-مەنپەئەت جەھەتتە تېخىمۇ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، تەرەققىياتتا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا ئىگە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر