باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدىكى بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك

ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)

2018.03.04 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە، ئارمىيەگە، خەلققە، مەكتەپلەرگە، دۆلەتنىڭ ھەممە جايىغا پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چوقۇم پارتىيەنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئىسلاھات پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلىپ، ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئېنىق تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدا پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى ياخشى، چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ۋە جەريانىغا سىڭدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى تۆۋەندىكى ئۈچ قاتلامدىن چۈشىنىپ ئىگىلەشكە بولىدۇ:

  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ. پارتىيە ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا غەلىبە قازىنىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشىدىن ئىبارەت پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى بەلگىلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، سىياسەت تۈزۈش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە تۇرغۇنلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر