باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

__ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2017.03.05 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۈتۈن خەلق كۆز تىككەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى بۈگۈن ئېچىلىدۇ. 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلقنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ، بېيجىڭغا جەم بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات پىلانى تۈزىدۇ. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  «13-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىلىرى ئالدىدا، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى رولىنى كۈچلۈك جارى قىلدۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت مۇھىم قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى؛ بىر قانچە زور مەسىلىلەرگە قانۇن بويىچە قارار چىقىرىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى؛ نۇرغۇن قانۇنلارغا بىر تۇتاش پىلانلاپ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىسلاھات بىلەن قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلىشى، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، نازارەت قىلىش سالمىقى، ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ياخشىلىدى... مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى سىياسىينى ياخشى ئىگىلەپ، ئومۇمىيلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ، مۇھىم ئىشلاردا مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ماھىر بولۇپ، ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى ۋە زور ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر