باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ئاتلىنىش چاقىرىق قىلىندى

‐‐ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2014.10.11 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇرۇشنى ئەڭ زور نەتىجە بىلىش لازىم»، «پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت قىيىن جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىشىمىز كېرەك»...

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ 8-ئۆكتەبىر تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت-ئېتىبارى ۋە يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى، سۆز روھىنىڭ مول مەزمۇنىنى قېزىش قىزغىنلىقى قوزغالدى.

  جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار دەل ۋاقتىدا پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) يىغىنى، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى، مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. نۆۋەتتە، 29 ئۆلكە يىغىن ئېچىپ مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، مەركەزنىڭ 14 كۆزىتىش-نازارەتچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى سۆزنىڭ روھىنىشۇ كۈنىلا ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، تەپسىلىيلەشتۈرۈش-ئىزچىللاشتۇرۇش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى.

  كۆپچىلىك باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسىدۇر دېگەن ئورتاق پىكىرگە كەلدى. بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى يەتكۈزۈش-ئۆگىنىش يىغىنىدا مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى مۇھىم سۆزىدە ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرۈپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى يېگەن بولۇپ، كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە. سۆزدە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ئاتلىنىش چاقىرىق قىلىندى. (شېڭ روۋېي، لى جاڭجۈن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر