باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ

‐‐‐ شى جىنپىڭنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

2014.10.11 08:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەرقانداق ئاخىرلىشىش يېڭى بىر باشلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ. «ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ»، «پائالىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئەمەس»، «پۈتۈن پارتىيە بۇنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، توختاۋسىز ئىلگىرىلىشى كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتنى پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ئېنىق تەلەپ قويدى، يېڭى پەللىدە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۆزگىرىش ‐‐ ئەڭ قايىل قىلارلىق جاۋاب، ئەمەلىيەت ‐‐ ئەڭ كۈچلۈك ئىسپات. بىر يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەنىۋى جەھەتتە ئوزۇق ئالدى، «تۆت خاھىش» ئۈنۈملۈك تۈزەلدى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قىيىن مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشقا ئۈنۈملۈك يول ئېچىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئىستىل ئۆزگەرتىش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە جەمئىيەت ئىستىلى يېڭىلاندى. بۇ ئەمەلىي نەتىجىلەر پارتىيەنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ۋە ئوبرازىنى يەنىمۇ تىكلەپ، پارتىيە رايى ۋە ئەل رايىنى تېخىمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەققانىي كۈچلۈ ئېنېرگىيەنى شەكىللەندۈردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر