باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتىنىڭ ئوبزۇرچى ماقالىسى

2014.06.09 09:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-ئىيۇن خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتىدە «مەركەزنىڭ بەلگىلىمىسى قاتتىق ئىنتىزام -1-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدىكى تۈزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە بىر قولدا تەلىم-تەربىيەنى، بىر قولدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاچقۇچى-ئۆزگەرتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. تۆت خىل ناتوغرا ئىستىل مەسلىسىگە قارىتا، مەركەز بىر يۈرۈش بەلگىلىمە چىقىرىپ، پارتىيە ئەزالىرى كادىرلارنىڭ خىزمىتى، تۇرمۇشى توغرىسىدا تۈزۈم تۈزۈپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. يەپ-ئېچىش، ماشىنا سەپلەشتىن بىنا سارايلارغىچە، تەبرىك كارتىسى، ئايتوقاچتىن پوجاڭزىغىچە، كاماندىروپكىغا چىقىش، يىغىن ئېچىشتىن ھۆكۈمەت ئىشلىرى بويىچە كۈتۈۋېلىشقىچە، بۇ بەلگىلىمە ناھايىتى ئېنىق ھەم كونكىرىت يولغا قويغىلى بولىدۇ، ئۆزگەرتىشتە ئەينەك، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نىشان قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە تەلىپى بويىچە ئۆزگەرتىشتە بولسا ئۆزگەرتىش، بولمىسا ساقلىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا 1-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: 1-تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدىكى ئورۇنلار قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە تەلىپىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىش ھەرىكىتىدە ئەمەل قىلىپ، خىزمەتتىكى نۇقسانلىقلاردىن ساقلىنىپ، ئىدىيەنى تازىلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىسلاھات تەرەققىيات يېڭى مۇھىتىنى يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر