باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ئاممىۋى لۇشيەن: خەلق گېزىتى ئوبزارچىسى: خەلق قەلبىنى مەركەز قىلىشمىز كېرەك

ـــ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا (5)

2013.11.01 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئورنىمىزنى ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىپ باقساقلا، ئاممىنىڭ ھالىغا يەتكىلى بولىدۇ؛ ئۆزىمىزنىڭ روھىي ھالىتىگە قاراپ باقساقلا پۇقرالارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىگە تەڭداش بولالايمىز. «خەلقنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش قىلىشىمىز، ئىشلارنى ئۆزىمىزلا قىلىپ كەتمەسلىكىمىز، ئۆز-ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ كەتمەسلىكىمىز، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ رايىنى ئۆلچەم قىلىشىمىز، بولمىغان جايلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئوڭشاپ تۇرۇشىمىز كېرەك». شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بۇ مۇھىم بايانلىرىدا «ئامما» دىن ئىبارەت بۇ ئاساس تەكىتلەنگەن بولۇپ، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئومومىي جەھەتتىن ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، بىراق مۇنداق پەرقلەرمۇ ساقلانماقتا: قىسمەن جايلاردا پائالىيەت داغدۇغىلىق باشلانغان، بىراق تەرتىپ ئەمەلىيلەشمىگەن، ئەمما خەۋەرسىز قالغان؛ قىسمەن تارماقلاردا رەتكە سېلىش-ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئىنتايىن ياخشى ئىشلەنگەن، ھۆججەتمۇ چۈشۈرۈلگەن، تەدبىرمۇ قوللىنىلغان، ۋاھالەنكى ئامما بۇنىڭدىن رازى بولمىغان؛ بەزى كادىرلار قارىماققا ئۆزىنى ناھايىتى قاتتىق تەنقىت قىلغان، بىراقزە ئاممىغا «مەسىلىلەر بەك غۇۋا، تەنقىد بەك ئابستراكت» تۇيۇلغان. ئۆز تۇيغۇمىزنىڭ بىلەن ئاممىنىڭ باھاسى ئوتتۇرىسىدا بۇناق پەرقلەرنىڭ بولۇشى، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرسەك، «پۇقرا رايىغا بېقىش»ىمىز تېخى جايىدا بولمىغانلىقىدا، بايقىغان ھامان تۈزىتىشىمىز تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىدە بولسا كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر