باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كاچالكا تارىم نېفىتلىكىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2013.11.04 16:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹شىنجاڭ گېزىتى ›› خەۋىرى : 23-ئۆكتەبىر ، تارىم نېفىتلىكىنىڭ لۇنگۇ 2-2 (轮古) قۇدۇقىدا ، ‹‹ئۆزگىرىشچان ۋاجرا›› غا ئوخشايدىغان بىر غايەت زور كاچالكا (ماي چىقىرىش ماشىنىسى) نېفىت ئېلىۋاتاتتى . نەق مەيداندىكى بىر مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چىشلىق چاقلىق-چىشلىق تاسمىلىق كاچالكا ئىكەن .

  جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ، نېفىت بۇرغىلاش-ئېلىش ماشىنىسى مۇتەخەسسىسى گۇ شىنيى بىلەن تارىم نېفىتلىكى شىركىتى، غالىبىيەت نېفىتلىكى شەنيۇ بىرلەشمە تېخنىكا شىركىتى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان ، ئېسىش نۇقتىسىنىڭ يۈكى 28 توننا ، لەيلىمە لىمسىز ، ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچان بۇ يېڭى تىپتىكى كاچالكىنىڭ پۈتۈن ئەسلىھەلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 41 توننىغا يېتىدىكەن ، ئېگىزلىكى 16 مېتىر كېلىدىكەن ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن. كاچالكىنىڭ توققۇز مېتىرلىق تاكىتى نۆۋەتتە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تاكت ھېسابلىنىدىكەن، پەقەت 55 كىلوۋاتلىق قۇۋۋەت چاستوتىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئېلېكتىروۋوز بولسىلا، ئېنېرگىيە تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە يېشىل مۇھىت ئاسراش لايىھە تەلىپىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئادەتتىكى لەيلىمە لىملىق كاچالكىنىڭ تاكىتى قىسقا، يۈكى ئاز، سەرپىياتى چوڭ بولۇپ، چوڭقۇر قۇدۇقتىن نېفىت ئېلىش تېخنولوگىيە ئېھتىياجىغا ماس كەلمىگەچكە، نېفىتلىكنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مۈشكۈل ئەھۋالدا قويغان بىر چوڭ قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغان. گۇ شىنيى تارىم نېفىتلىكى ۋە غالىبىيەت نېفىتلىكىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئەترىتىگە باشلامچىلىق قىلىپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، CCYJ—28—9 تىپلىق چىشلىق چاقلىق-چىشلىق تاسمىلىق چوڭ تىپتىكى كاچالكىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.

  بىر ئاينىڭ ئالدىدا، بۇ يېڭى تىپتىكى كاچالكا تارىم نېفىتلىكىنىڭ لۇنگۇ 2-2 (轮古) قۇدۇقىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، پومپىلىق قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى 5008 مېتىرغا يېتىدىكەن، بۇ كاچالكا بىلەن نېفىت ئالغاندا سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشقان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر