باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ئاممىۋى لۇشيەن؛ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلايلى

ـــــ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى (2)

2013.10.23 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامما بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى مەقسەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتۇر؛ مەسىلىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى مەسىلىنى ھەل قىلىشتۇر. ئامما رازى بولىدىغىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئامما قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان ناتوغرا ئىستىل تۈزىتىشتىكى بۆسۈش ئېغىزى. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىلەرگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ ئۆتكەندەك «بىرمۇبىر تەتقىق قىلىش، بىربىرلەپ تۈزىتىش»، پۇختا، ئۇزۇنغىچە بولغاندىلا، ئىدىيەۋى ۋە خىزمەت ئىستىلىمىزدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىمۇ ئاممىغا ھەقىقىي پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

  تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە،ھەر قايسى ئورۇنلاردا نۇرغۇن كونكېرت مەسىلىلەر ئېنىقلاندى، مەسىلىنىڭ مەۋجۇت يىلتىزى ئانالىز قىلىندى، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كېيىنكى قەدەمدە تۈزىتىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت. ئەگەر مەسىلىدە قۇرۇق گەپ ساتسا، تۈزىتىشتە ئاددىيلا سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتسە؛ ئەگەر ئۆزىنى ئۆزى ئانالىز قىلىپ يۈزىنى قىزارتىپ، ھەرىكەتكە كەلگەندەك قىلىپ ئازراقمۇ قوزغالمىسا؛ ئەگەر ئۆز ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتا قىلچە رەھىم قىلماي، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سالسا، بۇنىڭ ئۆزى روھىغا تاقالمىغانلىقىنى، ماھىيەتلىك ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بەزى كادىرلار مەسىلىنى ئانالىز قىلغاندا، يىلتىزى باشقا كىشىدە ئەمەس، مۇھىتتا دەپ، زىددىيەتنى شۇ پېتى يۇقىرىغا تاپشۇرىدۇ؛ يەنە بەزى كادىرلار مۇھىم بولمىغان مەسىلىنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىنى كەينىگە قويىدۇ. ئامما بۇنى رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق قىلىنغان چارە دەپ قارايدۇ، بۇ پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ قالماي، ئەكسىچە ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. (مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر