باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى پەسىل قۇشلىرىنى «ئادەمسىز ئۇچقۇ» دەپ قېلىپ، نەچچە ھەپتە توسقان بولسىمۇ نەتىجىسىز بولغان

2013.10.22 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھىندىستان تېز گېزىتى»نىڭ 20-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنى قورقىتىۋەتكەن بىر توپ نامەلۇم ئۇچقۇ ئەسلى بىر توپ پەسىل قۇشلىرى ئىكەن.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى گۇجارات چېگرا رايونىدا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، بىر «ئادەمسىز ئۇچقۇر»نىڭ ھىندىستان ھاۋا تېرېتورىيەسىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

  ئۇلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى «دۈشمەنلەر» گويا ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىدىغاندەك، ھەر قېتىم كۈرەشچى ئايروپىلان راداردا بايقالغان «دۈشمەنلەر»نى توسماقچى بولغىنىدا، ئۇلارنىڭ سېگنالى سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن. كۈرەشچى ئايروپىلان كېتىشىگىلا، سېگناللار يەنە رادار ئېكرانىدا پەيدا بولغان.

  بۇ «مۈشۈك چاشقان ئويۇنى» نەچچە ھەپتە داۋاملىشىپ، ئاخىرىدا ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى شۇ يەرلىك يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، «دۈشمەن ئايروپىلانى»نىڭ ئەسلىدە بىر كۆچۈۋاتقان بىر توپ قۇشلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ھىندىستان ئارمىيە تەرەپنىڭ دوكلاتىدا، بۇ قۇشلارنىڭ ئادەمسىز ئايروپىلاننىڭ ئالاھىدىلىكىگە بەكمۇ ماس كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەتتا كۆپ خىل تىركىشىش تەدبىرى تۈزگەنلىكى ئېيتىلغان.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر