باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

100 مىڭدىن ئارتۇق ھەج قىلغۇچى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ياندى، 260 مىڭ ئەرەب ھەج تاۋاپ قىلدى

2013.10.23 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتار يېرىم ئارىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېقىنقى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى ھەج ئىشلىرىغا مەسئول زاتنىڭ دېيىشىچە، كەبىنى تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، 100 مىڭدىن ئارتۇق ھەج قىلغۇچى ئىككى كۈندە ھاۋا، قۇرۇقلۇق، سۇ يولى ئارقىلىق سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن ياندى.

  دەسلەپكى ئۇچۇرلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، 75 مىڭ 517 نەپەر ھەج قىلغۇچى ئەرەب ھۆكۈمەت يولى ئارقىلىق چېگرىدىن كىرگەن، لېكىن بۇ قېتىمقى ھەج تاۋاپ قىلشىقا قاتناشقان ئەرەب 260 مىڭغا يەتكەن. ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار مۇنداق:

  غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى «ئەرەب دۆلەتلىك ھەج قىلغۇچىلارنى باشقۇرۇش كومىتېتى»نىڭ رەئىسى پايسال قايتماقچى بولۇۋاتقانلارنى تۈرگە ئايرىدى، كونكرېت ئەھۋال تۆۋەندىكىچە: مىسىرغا كېتىدىغانلار بىر بۆلۈك بولۇپ، 29 مىڭ 634 نەپەر؛ قالغان كىشىلەر يەنە بىر بۆلۈك بولۇپ 38 مىڭ 438 نەپەر.

  قىزىل دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدىن كەلگەن ھەج قىلغۇچىلار ئىچىدە، قايتقانلارنىڭ سانى 19 مىڭ 716 نەپەر، كېتىپ بولالمىغان 37 مىڭ 214 نەپەر. بۇ رايون سەككىز دۆلەتنى يەنى يەمەن، سۇدان، كۇۋەيت، ئۇمان، جىبۇتى، سۇمالى، ئېرترېيە ۋە كومورو قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر