باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>F

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت (2)

2013.12.25 10:01   مەنبە: خەلق تورى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت (2)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت پايتەخت ئابۇزابىغا جايلاشقان 500 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك مەبلەغ بىلەن سېلىنغان شەيخ زايىد مەسچىتى بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 40 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ. بارلىق قۇرۇلۇش ھىندىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان ئاق مەرمەردىن ياسالغان بولۇپ، مەڭگۈ رەڭگى ئۆڭمەيدۇ. مەسچىتنىڭ ئاساسلىق ناماز ئوقۇيدىغان چوڭ زالىغا سېلىنغان گىلەم قولدا توقۇلغان گىلەمنىڭ كۆلمى 5627 كۋادرات مېتىر، ئېغىرلىقى 35 توننا بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ گىلەم ھېسابلىنىدۇ، گىلەم ئىران ۋە يېڭى زىنلاندىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان قوي يۇڭىدىن توقۇلغان.

  مەسچىتنىڭ ئەتراپىدا يەنە ئىنتايىن چوڭ سۇ كۆلچىكى بار، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى مەسچىتنىڭ ئەتراپىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەن. ھەر جۈمە كۈنى يەرلىك ۋە ھەر جايلاردىن كەلگەن نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسچىتتە بىرلىكتە جۈمە نامىزى ئوقۇغان كۆرۈنۈشى كىشىگە ئاجايىپ ھەيۋەت تەسىر بېرىدۇ.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
    ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
    ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
    ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
    ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
    ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
    ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…