باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

ئۆزبېكىستاندا ئوتتۇرا- ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشى چەكلەندى

2013.03.27 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئىچكى ئىشلار تارمىقى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، زۇڭتۇڭ كەرىموفنىڭ 18-فېۋرالدىكى سۆزىنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا- ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىنى چەكلەشنى قارار قىلدى.

  ئەركىن رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۆزبېكىستان تارماق پونكىتى خەۋەر بېرىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇشىنى تاماملىمىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تېخنىكۇم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  ئۆزبېكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى ئەركىن رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياشلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشنى چەكلەش تەدبىرىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن :«بىز ئالدى بىلەن ئىزاھات بېرىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىۋاتىمىز. دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى بىزنى بىر قىسىم سىن ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ماتېرىياللاردىن ئۆزبېكىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلدە تارتقان ئازابلىرى، ئاچارچىلىق ۋە جاپاسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بىز ئوقۇغۇچىلارغا مۇشۇ سىن ماتېرىياللىرىنى قويۇپ بېرىۋاتىمىز، ئەگەر چەت ئەلگە چىقسا، ئوخشاش تەقدىر ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرماقتا.»

  ئەمما بەزى ئەھۋاللار چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ رولىنى يوقاتتى. بۇ مەسئۇل خادىم يەنە مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە رۇسىيەگە بارساڭلار ھەممىدىن ئايرىلىسىلەر دېسەك، قىسمەن رۇسىيەدىن قايتىپ كەلگەن ياشلار قىممەت يانفونىنى، مودا كىيىملىرىنى كۆز-كۆز قىلىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بىزنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز نۆلگە تەڭ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بالىلار بىزنىڭ گىپىمىزنى ئەمەس، ئەشۇ ياشلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاشنى خالايدۇ.»

  بۇ مەسئۇل خادىم يەنە 18-فېۋرال زۇڭتۇڭ كەرىموف سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساياھەت قىلىشىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. كەرىموف ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىدا ئۆزبېكىستاننىڭ مائارىپ سىستېمىسىنى ياخشىلاشتا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تاپالمايۋاتقانلىقىغا قارىتا يېتەرلىك ئېتىبار بېرىلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

  تاشكەنت پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى شاھنوزار ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ سىڭلىسىنى يوقلىماقچى بولۇپ، ۋىزا بىجىرمەكچى بولغاندا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.

  خەلقئارا بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بارىس بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە