باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>پەن-تېخنىكا& IT

ئەڭ ناچار مەخپىي شىفىرلار تىزىملىكى(1)

2012.12.11 15:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەخپىي شىغىرنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، مەخپىي شىفىرنىڭ بىخەتەرلىكى بارغانسىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، يېقىندا ئامېرىكىدا ئەڭ ناچار مەخپىي شېفىر تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان، ئۇنداقتا قانداق مەخپىي شىفىرلار ئەڭ ناچار ھىساپلىنىدۇ؟ قېنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق ئىشلىتىۋاتقان مەخپىي شىفىرىمىز بىخەتەرمۇ ئەمەسمۇ قاراپ باقايلى:

  ئالاقە تورىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا كۈندىن-كۈنگە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، مەخپىي شېفىرنى قوغداشمۇ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. ئامېرىكا مەخپىي شېفىر باشقۇرۇش سېستىمىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇن سىپلاش دەيت يېقىندا 2012-يىلىدىكى ئەڭ ناچار مەخپىي شېفىر تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەخپىي شىفىرنىڭ ئىنگىلىزچە ئاتالغۇسى «password» بۇ تېزىملىكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. يەنى مەخپىي شىفىرغا «password» دېگەن ئاتالغۇنى بىۋاستە ئىشلىتىدىغانلار يەنىلا ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاسانلا ئاشكارىلىنىپ قالىدىكەن، شۇڭلاشقا ئەڭ ناچار مەخپىي شىفىر دەپ باھالانغان. س

  ىپلاش دەيت تور دۇنياسىدىكى خايكېرلار تەرىپىدىن تور چاپلىمىلىرى ئارقىلىق ئوغۇرلىغان مىليوندىن ئارتۇق مەخپىي شېفىر ۋە كىملىكلىرىنى رەتلەپ تىزىپ چىقىپ ھەم كونا ماتېرىياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ بۇ تىزىملىكنىڭ ئىلىميلىكىنى ئاشۇرغان.

  بۇ تىزىملىكتىكى 25خىل مەخپىي شېفىرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى قانۇنىيەت ئاساسىدا تىزىلغان بولۇپ، كونوپكا تاختىسىدىكى قوشنا كونوپكىلاردىن گۇرۇپپىلانغان ياكى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان سىفىلار، مەسىلەن: كونوپكا تاختىسىدىكى قوشنا ئورۇندىكى ھەرپلەردىن گۇرۇپپىلانغان qweryنىڭ ئىشلىتىلىشى بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان. دائىم ئۇچرىتىدىغان سانلار گۇرۇپپىسى111111، 123456 ،12345678 ،123123ۋە دائىم ئىشلىتىدىغان ئىسىملاردىن، مەسىلەن: Ashley,michaelقاتارلىقلار ھەممىسى دېگۈدەك بۇ تىزىملىككە كىرگەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە