سۈرەتتە: شىنجاڭ جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى مەسئۇلى (سولدىن 1 -) شياڭگاڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى مەسئۇللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزمەكتە.
27 – نۆۋەتلىك شياڭگاڭ خەلقئارا ساياھەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى 14 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن شياڭگاڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئۇيۇشمىسى ۋە شياڭگاڭدىكى 20 ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن شياڭگاڭ – شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى شياڭگاڭ «جوڭيۈەن» ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق ئالتە ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن 82 مىليۇن يۈەن قىممىتىدىكى ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەش كېلىشىمى تۈزدى. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى)