باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنى شىنجاڭدا ئىمتىھان بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 18 ئادەم بايقالدى

2013.06.08 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈندىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، شىنجاڭدا 18 نەپەر ئىمتىھانغا خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچى بايقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئوقۇغۇچى يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىمتىھاندىن بۇرۇن يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى ـ پەن تېخنىكىلىق ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ئەسۋابى سېتىش دېلوسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىمتىھاندىن بۇرۇن يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى ـ پەن تېخنىكىلىق ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ئەسۋابى سېتىش دېلوسى يۈز بېرىپ، 6-ئىيۇن سانجى ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىدە بۇ خىل ئەسۋابنى سېتىۋاتقان ليۇ ۋە موۋ قاتارلىق تۆت جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشكەن. سىمسىز تارقىتىش ئەسۋابىدىن ئىككىسى، قوبۇل قىلىش ئۈسكىنىسىدىن ئالتىسى ۋە ۋەقە سادىر قىلىشتا ئىشلىتىلگەن ئۈچ كىچىك ئاپتوموبىل قولغا چۈشكەن.

  جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تۆت نەپەر جىنايەت گۇماندارىغا قارىتا تېزلىكتە ئىسپات ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ـ سانائەت ئىدارىسى خۇالىڭ سودا شەھەرچىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ئەسۋابىنى سېتىش دېلوسىنى پاش قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە